گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا غايىپ بولغان ئائىلەم ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئىلتىماسىم رەت قىلىندى
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بىر ئاينىڭ ئالدىدا فەيىسبوكتا بىر گوللاندىيەلىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئۈزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر قىسىقچە بىر يازمىنى ئېلان قىلدى. نۇرغۇن كىشلەر مېنى بۇ فىلىم ئىشلىگۈچىگە تۇنۇشتۇردى. فىلىم ئىشلىگۈچىگە « غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى » دىگەن يازمامغا ئاساسەن ئىشلەپ تارقاتقان قىسىقچە فىلىمىنى ئىۋەرتىپ بەردىم. مىنىڭ غايىپ بولغان ئائىلەم ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان فىلىم ئىشلىگۈچى مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ، ۋىدىيو ئۈچۈن ئىككى كۆرۈنۈش ئالىدىغانلىقىنى، بىر كۆرۈنۈشنى ئۈيۈمدە، يەنە بىر كۆرۈنۈشنى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەن دەرھال دەنھاق شەھەرلىك ھۈكۈمەتكە بۇ ھەقتە خەت يېزىپ، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئېلىشقا رۇخسەت بىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ خەت يازدىم. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن ساقچىدىن تېلفۇن تاپشۇرۇپ ئالدىم. ساقچى مېنىڭ خىتاي ئەلچىخانسى ئەلدىدا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەلچىخاننىڭ كەينى تەرپىدە نامايىش قىلسام بۇلدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەن ساقچىغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇ يەردە نامايىش قىلمايدىغانلىقىمنى، پەقەت غايىپ بولغان ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە بىر فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا مەن بىلەن سۆھبەت قىلدىغانلىقىنى، ئاندىن خىتاي ئەلچىخانسىغا كىرىپ ئائىلەم ھەققىدە ئەلچىخانا خادىمى بىلەنمۇ سۆھبەت قىلدىغانلىقىنى دىدىم. ئەمما ساقچى خادىمى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەگەر مەن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولسام شەھەر باشلىقىغا قايتا ئىلتىماس قىلسام بۇلدىغانلىقىنى دىدى. مەن يەنە ھۈكۈمەتكە بۇ ھەقتە خەت يازدىم. بىر كۈندىن كىيىن ھۈكۈمەت خادىمى ماڭا تېلفۇن قىلىپ بۇ ھەقتە مەن بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىپ، « شەھەر باشلىقى سىزنىڭ نامايىش قىلشىڭىزغا رۇخسەت قىلمىدى» دىدى. مەن يەنە چۈشەندۈرۈپ « مەن نامايىش قىلمايمەن، فىلىم ئىشلىگۈچى بىلەن بىر سۆھبەت ئۆتكۈزىمەن، سۆھبەت بىر سائەت داۋاملىشىشى مۇمكىن، مەن سىلەرنىڭ قائىدە –تۈزمىڭلارغا رىئايە قىلىمەن، خىتاي ئەلچىخانسىغا تەھدىت قىلدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن، ئەلچىخانغا مەن كىرمەيمەن، فىلىم ئىشلىگۈچى كىرىپ غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە ئەلچىخانا خادىمى بىلەنمۇ سۆھبەت قىلىماقچى، مەن سىرىتتا ساقلايمەن، سۆھبەت تۈككەندىن كىيىن دەرھال قايتىمەن» دىدىم. ھۈكۈمەت خادىمى : « مەن سىزنىڭ تەكلىپىڭىز بۇيچە مەن يەنە شەھەر باشلىقىغا ئىلتىماسىڭىزنى يەتكۈزەي، ئەتە سىزگە ئېلىخەت ئارقىلىق جاۋابىنى بىرىمەن » دىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ساقچى خادىمدىن تېلفۇن، ھۈكۈمەت خادىمدىن ئېلىخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھەر ئىككىسى يەنىلا مىنىڭ ختاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى ئارقا تەرەپتە پائالىيەت قىلسام بۇلدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا ئىزچىل بىر ھەپتە نامايىش قىلىپ، ھەي يالغانچى خىتاي ھۈكۈمىتى 2020-يىلى 9-ئايدا مىنىڭ غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمدىن بەش ئادەمنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بۇيچە 16،5 يىلدىن 3 يىلغىچە تۇرمىغا سۇلغانلىقىڭنى قالغان 14 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۋاتقانلىقى ھەققىدە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار ھۈكۈمىتىگە جاۋاب بەرگەنتىڭ، سىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭ راسىت بولسا نىمە ئۈچۈن مەن ئۇلار بىلەن تېلفۇندا كۈرشەلمەيمەن؟ ئەگەر ئۇلار ھايات بولغان بولسا ئۇلارنىمۇ تېلۋوزۇردا ماڭا قارشى سۆزلەتمەمسەن؟ دەپ كۈچلۈك خىتابلارنى قىلىپ فەيىسبوكتا نەق مەيدان تارقاتقان ئىدىم. ئەپسۇس بىر ئايدىن كىيىن ئائىلەم ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشكىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى.
ئامىستېردام دام مەيدانىدا 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئىزچىل داۋاملىشۋاتقان يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىشىممۇ ھىچقانداق بىر باھانە ۋە سەۋەپ بىلەن توسقۇنلىققا ئۇچۇرمىغان ئىدى، ئەپسۇس 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت مەزگىلىدە سەن دام مەيدانىغا ماشىنا بىلەن كىرىپسەن دىگەن باھانە بىلەن 150 ياۋرۇ جەرمانە قۇيۇش بىلەن دام مەيدانىدىكى پائالىيتىممۇ چەكلىمگە ئۇچىردى.
بۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بولىدۇكى، مىنىڭ خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا بىر قانچە قېتىم ئېلىپ بارغان تىنىچ شەكىللىك نامايىشىم ۋە ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئىككى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ئىزچىل داۋاملىشتۇرۇپ كىلىۋاتقان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلقىنى دۇنياغا دەلىل- پاكىتلىق، ئىسپاتلىق ئاڭلاتقانلىقىم خىتاي ھۈكۈمىتىگە كۈچلۈك بىر زەربە بولغانلىقىدا شەك يوك.مىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ ھەققانىيەت كۈرشۇمنى ھەرقانداق باھانە-سەۋەبلەر تۇسۇپ قالالمايدۇ، شۇنداقلا ئىرادەمنى، روھىمنى سۇندۇرالمايدۇ. يول ئىزدەنگۈچىلەرگە، غەلبە ئىزچىل تىرىشچانلىق قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ.
