يەكەن  قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتماڭ

يەكەن  قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتماڭ

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

7- ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى   قاباھەتلىك بىر كۈن يەنى 2014-يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيسىنىڭ ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىللىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان  كۈن. يەكەن- ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ( 1514- 1694 ) پايتەختى بولۇپ ئۇيغۇر تارىخىىدا سىياسى،ئىقتىساد، ئىلىم –مەرىپەت قاتارلىق جەھەتلەردە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان بىر خاقانلىقنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرغان قەدىمىي شەھەر.

urumqi July 5

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى  رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولغاچقا كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن كېچىلىرى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلدىغان بولغاچقا  40 دەك ئايال بىر ئۆيگە يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خىتاي قۇراللىق ساقچىلار  ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ بۇ ئاياللارنى قىرىپ تاشلايدۇ. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەسەتلەرنى كۈتۈرۈپ ساقچىخانغا بېرىپ ساقچىلاردىن بۇ ھەقتە جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  ساقچىلار ئۇلارغا قارىتا ئوق چىقىرىدۇ.  نەتىجىدە، يۇرت خەلقى قوزغىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلىدۇ. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ نامايىشچىلارنىڭ دائىرسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ  ساقچى ،  ئارمىيە، بىرنىۋىك ، تىك ئۇچار ھەتتا ئۇچقۇسىز ئايرۇپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلاردا كەڭ كۈلەملىك قىرغىن قىلىش ھەركىتىنى ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ئاز دېگەندە 5 مىڭدەك ئادەمنى قىرىپ تاشلايدۇ ۋە نەچچە مىڭ ئادەم  تۇتقىن قىلدۇ.

خىتاي  ھۈكۈمىتى بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە 59 نەپەرنامايىشچى، 39 نەپەر پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 96 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 250 دىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ،ئەمىليەتتە بۇ پەقەتلا تاشقى دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن دېيىلگەن سان ئىدى.  چۈنكى بۇ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغان  لېكىن بۇنىڭغا شاھىد بولغان بارلىق پۇخرالار تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۈكۈم قىلىنغان . پۈتكۈل يېزا قۇرۇقدىلىنىپ قالغان ،  جەسەتلەر نەچچە كۈندىمۇ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولۇنمىغان ئەھۋالدا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ  پەقەت يۈزگە يەتمەيدىغان ساندىكى ئۈلۈم-يىتىم دەپ ئېلان قىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس .  بۇ خۇددى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ  ۋۇخەن شەھرىدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان  ۋۇخەن ۋېروسى ھەققىدە يالغان، ساختا سىتاستىكا قىلىپ دۇنيانى ئالدىغانغا ئوخشاش خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان يالغانچىلىقى خالاس .  لېكىن بۇ قېتىملىق قىرغىنچلىقتا ۋە خىتاينىڭ سۈيقەستىدە  ئۇيغۇرلارنىڭ تۈلىگەن بەدىلى بەك زور بولىشىغا قارىماي،  خىتاي  ھۈكۈمىتى ئاخبارات ۋاستىللىرى ئۇيغۇرلارنى خەلىقاراغا زوراۋان ۋە دىنى ئاشقۇن قىلىپ سۈپەتلەپ ،  شۇ يىلنىڭ ئاخىردىن باشلانغان جازا لاگىرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىچىلىقنىڭ تېخمۇ كەڭ كۈلەمدە ئېلىپ بېرلىشغا يول ئاچقان.

گېرمانىيەدىكى  «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28- كۈنى « يەكەن قىرغىنچىلقىنىڭ 2 يىللىقى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» بىلەن 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەندە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نى سېلىشتۇرغان ئىدى. ماقالىدە: «تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي خەلقى ئۈچۈن قانداق مەنانى بىلدۈرسە، ئېلىشقۇ قەتلىئامىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداق مەنانى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

گەرچە پۈتۈن دۇنيا بۇ قىرغىچلىق ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىقتا بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقى شۇنداق بىر كۈن كېلىپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۈلەيدىغانلىقىغا ۋە سوراققا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.  ۋىژدانىنى يۇقاتمىغان،ھەقىقەت ۋە ئىنسانىيلىق تۇيغۇسى  ئۆلمىگەن بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانى داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.  شۇنداقلا ئۇيغۇرلاريېقىن تارىختىكى كوممۇنىست دۆلەتلەرنىڭ گۇمران بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئىرشىكەنلىكىگە ئوخشاش،خىتاي دۆلىتىنىڭمۇ گۇمران بۇلۇپ  ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇستەقىلىققا ئىرشىشىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ.
بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تەرپىدىن ئېلىپ بېرلىۋاتقان بۇنداق قىرغىچىلىقنى مەڭگۈ ئۈنۇتمايمىز.

مەنبە: توردۇنياسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ilishqu-weqesi-08032016154612.html

https://www.uyghurnet.org/ug/%D9%8A%DB%95%D9%83%DB%95%D9%86-%D8%A6%DB%90%D9%84%D9%89%D8%B4%D9%82%DB%87-%DB%8B%DB%95%D9%82%DB%95%D8%B3%D9%89-%DA%BE%DB%95%D9%82%D9%82%D9%89%D8%AF%DB%95-%D9%8A%DB%90%DA%AD%D9%89-%D8%A8%D8%A7%D9%8A/