يوگا دەرىسدە نىملەرنى ئۈگەندىم

يوگا دەرىسدە نىملەرنى ئۈگەندىم

يوگا دەرىسدە نىملەرنى ئۈگەندىم

 

بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايما،

ئادەم بىلمىگەن نەرسىنىڭ دۈشمىنى.

ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىردىن

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى فاتىمە سەيياھ خانىمنىڭ فەيىسبوك سەھىپسدە يوگا دەرىسى ئۈتۈش ھەققىدىكى تۈنجى قېتىم 7 نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۈرۈپ مەنمۇ ئۈزەمنى بۇ كۇرۇسقا تىزىملىتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئىنكاس يازغاچ بەزىبىرئىنكاسلارنى كۈرۈپ قالدىم. يوگا بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان تۇرساق بۇددا دىنىغا ئائىت بىر نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلىپ نىمە قىلدۇ دىگەندەك ھەرخىل ئىنكاسلارنى ئوقۇدۇم. مەنمۇ راسىت گەپنى قىلسام يوگا ھەققىدە كۆپ بىر نەرسىلەرنى بىلمەيتىم. چېنىقىش زالىغا بارغاندا پەقەت يوگا مەشىق قىلىۋاتقان زالدىكى كىشلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈرۈپ باققان. ئۇلارنىڭ ھەركىتىنىڭ ئاستىلقى، رېتىملىقى، نەپەس ئېلىش جەريانىنى كۈرۈپ مۇشۇ ھەركەتلەر ئارقىلىق ئۇلار قانداق مەقسەتكە يەتمەكچىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللار كالامغا كىلەتتى. خىتاي ۋېروسى سەۋەبلىك ھەممە ئادەم ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، سىرىتقا چىقماسلىق تەكىنلىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە بۇ يوگا دەرىسى مېنى ئۈزىگە ئىختىيارسىز جەلىپ قىلدى.شۇنىڭ بىلەن يوگا دەرىسگە كېرەكلىك بولغان يوگا ماتىراسنى سېتىۋېلىپ يوگا دەرىسكە تەييارلىق قىلدىم. دەرىس باشلانغاندا فاتىمە خانىم يوگا دەرىسى ھەققىدە قىسىقچە چۈشەنچە بىرىپ بىزگە ئۆتمەكچى بولغان يوگا دەرىسنىڭ بۇددا دىنى بىلەن ئالاقىسنىڭ يوقلىقىنى، بىزگە تىنىچ تۇرۇش، ھەرخىل شەكىلدە بۇيان، بەل، تىزقاتارلىق ئەزالارنى ئىگىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ جارياندا قانداق نەپەس ئېلىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ چارچىغان نېرۋىلارنى تىنىچلاندۇرۇش ئارقىلىق  ئۈزىمىزدىكى جىدىيلىشىش، روھىي كەيپىيات ناچارلىقى قاتارلىق روھىيتىمىزدىكى بۇخىل بىنورماللىقنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۈزىمىزنىڭ روھىي جەھەتتىكى مۇۋازىنەتتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يوگا مەشىقىنىڭ ناھايتى ياخشى رۇلى بارلىقىنى سۆزلىگەندە ھەيرانلىق ئىچىدە چېنىقىش زالىدىكى كىشلەرنىڭ رەتلىك ئولتۇرۇپ يوگا مەشىق قىلۋاتقانلق كۈرنىشى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. تۈنجى سائەتتە دەرىتە 45 مىنۇت ئەتراپىدە مەشىق قىلدۇق. ھەربىر قېتىم ئىككى قولنى تەكشى كۈتۈرۈپ يۇقىرى تۈۋەن ھەركەتلەندۈرۈپ، بۇياننى ئوڭغا سولغا ھەركەتلەندۈرگەندە، يۇقىردىن-تۈۋە نگە ئىگىلىپ تۈز تۇرغاندا چۇڭقۇر نەپەس ئالغاندا ئۈزەمنىڭ شۇنداق يەڭگىللەپ قالغىننى ھىس قىلدىم. دەرىسنىڭ ئاخىردا يوگا ماتىرستا سۋۇزۇلۇپ ئېىككى پۇتنى يۇقىرى- تۈۋەن ئىگىپ، سۇزۇلۇپ ياتقاندا بەدەندىن تەرلەر چىقىپ مىنى بىرخىل شىرىن ئۇيقۇغا باشلايتى. يېنىمدا تەييارلىۋالغان لۈڭگەمنى ئۈستمگە يېپىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئويغانغاندا ئۈزەمنى شۇنداق راھەت، كەيپىياتىممۇ شۇنداق كۈتۈرەڭگۈ بۇلۇپ بىر ھەپتىلىك خىزمەتنىڭ چارچاشلىرى يوگا ھەركىتى بىلەن بىراقلا يۇقالغاندەك ھىس تۇيغۇغا كىلىپ قالاتتىم. ھەرقېتىملىق دەرىسلەردە ئۈزىمىزنىڭ يوگا ھەركىتى ئىشلەش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى فاتىمە خانىم بىلەن ئورتاقلىشاتتۇق. باشقىلارنىڭمۇ يوگا مەشقىدىن كىيىن ماڭا ئوخشاش ھىس تۇيغۇدا بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

مەن بۇلتۇر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ سالامەتلىكىمدە مەسلە كۈرۈلگەچكە ھەرھەپتىدە ئىككى قېتىم باش، بۇيان، بەل قاتارلىق ئەزالارنى ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئارقىلىق بەدىنىمدىكى زەخمىلەنگەن مۇسكىللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزگە باراتتىم. ئوۋۇلاپ داۋالاش جەريانىدا فىزوتىراپىستمۇ ماڭا بەزىبىر ھەركەتلەرنى قىلىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. بۇھەركەتلەرنىڭ بەزەنلىرى مەن يوگا دەرىسدە مەشىق قىلغان ھەركەتلەر ئ‍ىدى. دىمەك بەدەندىكى ئەزالارنى ھەركەتلەندۈرۈشنىڭ، چۇڭقۇر نەپەسلىنىشنىڭ نۇرغۇن پايدىسى بارلىقىنى ھەم ئۇۋۇلاپ داۋالاشتىن ھەم يوگا دەرىسدىن ئەمىي تەجىربىلەر ئارقىلىق ھىس قىلدىم.

بۈگۈن يەنى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاۋىستىرالىيەدىكى يوگا جەمىيتىدىن بىر خانىم يوگا دەرىسى ھەققىدە بۇدەرىسكە قاتناشقانلار بىلەن يوگا دەرىسكە بولغان كۆز قارشلىرىمىزنى، يوگا مەشىقى قىلغاندىكى بىزدە بولغان ھىس تۇيغۇلار ۋە بۇ دەرسىكە بولغان تەكلىپ -پىكىرلىرىمىز ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەت جاريانىدا بۇ قېتىملىق يوگا دەرىسكە قاتناشقان ھەممە ساۋاغداشلار يوگا دەرىسى ھەققىدە ئىجابى بولغان چۈشەنچىللىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بۇ دەرسنى بولسا يەنە داۋاملاشتۇرغىسى بارلىقىنى ئېيىتتى. دىمەككى بۇنىڭدىن بىز بۇ قىسقا مۇددەتلىك يوگا مەشىق دەرىسدىن مەنىۋى خوشاللىقلارغا ئىرىشكەنلىكىمىزچىقىپ تۇراتتى. << ھەركەتتە بەركەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت>> دەپ بىكار قالغاندا كۈپۈنچىمىزدە ئىچىمىزسىقىلدىغان، بىئارامسىز بۇلدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ خىل مەنىۋە كىسەللىكتىن قۇتۇلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى  ۋە داۋالىنىش يوللىرى بولسىمۇ نېرۋېلىرىمىزنى تىنىچلاندۇرۇپ كەيپىياتىمىزنى تەڭشەيدىغان ھىچبىر چىقىمى يوق يوگا مەشىقىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىمەن.