غۇلجا قىرغىنچىلقىنى ئۇنۇتماڭ

غۇلجا قىرغىنچىلقىنى ئۇنۇتماڭ

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

‏‎بۈگۈن يەنى 5- فېۋرال ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە جاراھەتلىك ۋەھىمە پەيدا قىلغان «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» بولغان كۈن. غۇلجا 1944-يىلى 11-ئاينىڭ `12-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى يەنە بىرقېتىم دۇنياغا جاكارلىغان 2 – قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان يەر. شۇڭا ئۇ خىتاي ھۈكۈمىتىگە نىسبەتەن ئەڭ سەزگۇر رايۇنلارنىڭ بىرسى.

     

بۇنىڭدىن 25  يىل مۇقەدەم، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرياش ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەشرەپ ۋە پۇتبۇل ھەركىتىنىڭ چەكلىنىشى، باللار ۋە ئاياللارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كىتىلىشى، زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويۇلىشى قاتارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلغان. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ نامايىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ساقچى، قوراللىق ئەسكەرلەر، ساقچى ئىتلىرى ۋە كۆيدۈرگۈچ قوراللارنى ئىشلىتىپ نامايىشنى قانلىق باستۇرغان. ئىككى ھەپتىگىچە ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئۈستى ئۇچۇق بىر مەيدانغا توپلاپ، قېلىن قارنىڭ ئۈستىدە يالاڭئاياق مېڭىشقا مەجبۇرلىغان ۋە يۇقىرى بېسىملىق شىلانكىدا سۇ چېچىپ پۇت-قوللىرىنى توڭلىتىۋەتكەن. پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت-قوللىرى كىسۋېتىلگەن. نامايىش يىتەكچىللىرىگە ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۈلۈم جازاسى بىرىلگەن. بىز ھەر يىلى « 5-فېۋىرال غۇلجا قىرغىنچىلقى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ 73 يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقى قىرغىچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق بۇ قاباھەتلىك كۈننى ئەسلەيمىز.