« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي » غا خەلىق ۋەكىلى نامزاتى قىلىپ تىزىملاتتىم
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14- كۈنگىچە چېخ جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى پىراگادا ئېچىلماقچى بولغان 7- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىينىڭ غەلبىلىك ئېچىلشىغا تىلەكداشمەن. مەنمۇ بۇ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈزەمنى بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ توربېتىدىكى ۋەكىللەرنى تىزىملاش جەدىۋېلى ئارقىلىق تىزىملاتتىم. تىزىملاش جەدىۋېلىدىكى بىرلا شەرتكە سالايىتىم چۈشمەيدىكەن. بۇ شەرت بولسا قايسى تەشكىلاتقا تەۋە؟ تەشكىلاتىكى ۋەزىپىڭىز نىمە؟ دىگەن شەرت. بۇيەرگە تۈۋەندىكىدەك تولدۇردۇم. مەن ھىچقانداق تەشكىلاتقا ئەزا ئەمەس، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ شۇنداقلا گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاپ كىلىۋاتىمەن. بۇ قېتىملىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغنىغا خەلىق ۋەكىلى سۈپتىدە قاتنىشىشقا ئۈزەمنى كۆرسىتىمەن. مەنمۇ بۇ قېتىملىق يىغىنغاقاتنىشىپ نەچچە يىلنىڭ ياقى نامايىش جەريانىدا توپلىغان تەجىربىللىرىمنى ۋە دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيدىن كۈتۈدىغان تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيمەن. تېخىمو كۆپ ھىچقانداق تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان قېرىنداشلارنى ئۈزىنى خەلىق ۋەكىلى سۈپتىدە تىزىملىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
#دۇنيائۇيغۇرقۇرۇلتىيى
#ئۇيغۇر

