دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي تەشۋىقاتىدىكى يېڭلىق -جەنۋەدىكى نامايىشدىمۇ قىممىتىنى تاپالارمۇ؟

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس،

ئالدى-ئارقاڭنى كۈرۈپ باس.

ئۇيغۇر ماقال- تەمسىلى

بۈگۈن يەنى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى  كانادا پارلامنىت ئەزاسى سەمىر زۇبەيرىنىڭ كانادا پارلامىنتىغا سۇنغان ( M-62 تەكلىپ لاھىيسى  ) نىڭ  2-قېتىملىق مۇنازىرسى كانادا  پارلامېنتىنىڭ 44-نۆۋەتلىك ئومومى كېڭىشىدە كاناداغا يەرلەشتۈرمەكچى بولغان 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ پارلامىنتىكى مۇنازىرسىگە قىزىقىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلۋېزىيەسىنىڭ نەق مەيداندىن غەيۇر قۇرباننىڭ  ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ۋېدىيوسىنى ناھايتى ھاياجان بىلەن كۈرۈپ چىقتىم. كانادا پارلامىنىتىدىكى مۇنازىرىنىڭ تۈگىشى بىلەنلا ئېكىراندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر -تەشۋىقات مەركىزى « شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق » دىگەن خەت چىقىشى مېنى ھاياجانلاندۇرغانداك يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر كۈرۈرمەنلەرنى ھاياجانلاندۇرشى تەبئىي. چۈنكى « شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى » ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ يەتمەكچى بولغان ئارزۇسى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور تېلۋېزىيەسىنى كۆرمىگىلى خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالغانتى. بۈگۈنكى بۇ «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق » دىگەن خەتنى كۆرگەندىن كىيىن، قاچاندىن بېرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلۋېزىيەسىدە ھەر قېتملىق خەۋەرلەر پىروگىراممىسىدىن كىيىن  « شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق » دىگەن خەتنى چىقارغاندۇ؟ مەن دىققەت قىلماي قالغان بولغىمىتىم دەپ  بىر قانچە كۈنلۈك قۇرۇلتاي تور تېلېۋىزىيە پىروگىرامىلىرىغا قاراپ چىقتىم. ئەمما «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق » دىگەن خەتنى  پەقەتلا كۆرمىدىم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقللىق » دىگەن بۇ خەتنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بۈگۈن كانادا پارلامىنتىغا مەركەزلەشكەندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلۋېزىيەسى  نەق مەيدان تارقىتىش  پىروگىرامىسنىڭ ئاخىرىغا مەقسەتلىك قۇشتىمۇ ياكى بۇنىڭدىن كىيىن ھەرۋاقىت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي تور تېلۋېزىيەسى خەۋەرلىرىنىڭ ئاخىرىغا داۋاملىق قۇشۇپ تارقىتشنىڭ مۇقەددىمسى قىلدىمۇ ؟

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن ئېغىز ئاچالمايدۇ؟ ئۇيغۇرچە تەشۋىقاتلار مۇستەقىللىق دىگەن  بىلەن غەرىبلىكلەرنىڭ ئالدىدا ، ئىنگىلىزچە تەشۋىقاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دىگەندەك تەشۋىقات ۋە سىياسەتتە قوش بىسلىق گەپ قىلىپ دىياسپۇرادىكى  ئۆكتىچى تەشكىلات ۋە ئاكتىۋېستلارنىڭ  كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچىراپ كىلىۋاتقان ئىدى.  جۇملىدىن مەنمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تەشۋىقاتتىكى سەمىمىيەتسىزلىكى ھەققىدە نەچچە ئاي ئىلگىرى << دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى >> تەشۋىقاتنىڭ بىرلىكىگە ئەھمىيەت بىرەيلى دەپ بىر تەنقىدى يازما يازغان ئىدىم.

ئەگەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى راستىنلا  «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق » دىگەن سۆزنى بۈگۈندىن باشلاپ تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىپ قۇرۇلتاي تور تېلۋېزىيسى ئارقىلىق تارقاتقان بولسا، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان زور كۆلەملىك نامايىشتا يەنە جازا لاگىردىكىلەرنىڭ رەسمىنى تىزىپ، غايىب بولغانلارنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقنى قوزغاپ خىتاي ھۈكۈمىتىنى شەرمەندە قىلىمىز دىگەندەك يالۋۇرۇپ ئۈزىمىزنى بىچارە كۆرسىتىشتىن، «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق »، «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن-بىر كاپالىتى»، « خىتاي ھۈكۈمىتى ! شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت »، «شەرقى تۈركىستان خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس » ، « بىرلەشكەن مىللەتلەر  تەشكىلاتى- شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىل! », «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق »دىگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسى ، قورۇقماس  جاسارىتى، تىز پۈكمەس ئىرادىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تەشۋىقات  لوزىنكىلىرى بىلەن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى توشقۇزۋېتەيلى.  چۈنكى بۇ كۈندە دۇنيانىڭ كۈزى بۇ مەيداندا. دۇنيادىكى داڭلىق مېدىيالار بۇ مەيداندا.

جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا نەچچە قېتىم كەڭ كۈلەملىك نامايىش، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.  ئەمما بۇ پائالىيەتلەرنىڭ قانچىلىك پايدىسى بولدى؟ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نىمە دىمەك تەس. نامايىش قىلمىساق قەتئىي بولمايدۇ، نامايىشنى چۇقۇم قىلىشىمىز كېرەك. نامايىش بىزنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى  چەتئەلدىكى مەۋجۇتلىقىزنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئەملىي ھەركەت. دۇنيانىڭ سىياسى ئاتمۇسفىراسى ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىميىتىگە قارشى ياخشى بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقاندا، بىز نامايىش ئارقىلىق سىياسى سەھنىدە ھەركەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ خەلىقئارا سىياسى ئاتمۇسفىرا ئىچىدە لوبىچىلىق ھەركىتىگە ھىچ بولمىغاندا تۇتۇرۇق بۇلالايمىز. بىز پەقەت خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى نامايىش ئارقىلىق ئۈزىمىزنىڭ  مۇستەقىللىق ئىرادىسنى ئىپادىلەش بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتالايمىز. ئوكرائىينا ئورۇشدىن شۇنى ھىس قىلدۇقكى، دۇنيانى تەسىرلەندۈردىغىنى ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىغا، يېلنىشى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچلار ئالدىدىكى قورۇقماس جاسارىتى، تىز پۈكمەس ئىرادىسدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئىلگىركى لىكسىيەلىرىدە داۋاملىق غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس 4 قېتىم تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئاخىرقى يەكۈنى ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇشقا تەييار ئەمەسكەن دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىپتىكەن. بىز زادى مۇستەقىللىققا تەييارمۇ ؟ دەپ رىتورىك خىتاب قىلغاندا ،  ئىلگىركى ئەجداتلىرىمىزنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن بىز بۈگۈنكى كۈنگە قالدۇق! ئەگەرئۇلار شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان بولسا بىزنىڭ تەقدىرىمىز باشقىچە بۇلۇپ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ مۇستەملىكىسگە چۈشۈپ قالمايتۇق. ئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى كۈررۈپ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراپ يەر يۈزىدىن يۇقۇلۇش گىرادىبغا بېرىپ قالمايتۇق، چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرمەيتۇق، -دەپ ئىلگىركىلەردىن ئاغرىنىپ، قاقشاپ كىتەتتۇق. ھەتتا قاچان بىزگە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىق پۇرسىتى كىلەر؟-دەپ ئۆز-ئۈزىمىزگە سۇئال قۇياتتۇق.  مانا يەنە بىر قېتىم شەرقى تۈركىستانلىقلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىقنىڭ ھىدى كىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ سىياسى ئاتمۇسفىراسىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىميىتىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىش سىگنالى تارقىلىۋاتىدۇ. بىز ئەمدى جىم ياتمايلى. ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ ئۈزىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى دۇنياغا بىلدۈرەيلى، تەشكىللىنەيلى.بىزمۇ بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ تەشكىللىنىش، بىرلىشىش ئاساسىدا ھەركەت قىلالايدىغان بىر ئىرادىنى دۇنياغا بىلدۈرەيلى.

ئەگەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قېتىملىق جەنۋەدە ئېلىپ بارماقچى بولغان زور كۈلەملىك نامايىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى دۇنياغا بىلدۇردىغان يېڭىچە بىر نامايىش ئېلىپ بارسا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر جەنۋەگە كىلىپ بۇ نامايىش سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

يېزىلغان ۋاقتى : 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى