دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى : تەشۋىقاتنىڭ بىرلىكىگە دىققەت قىلايلى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك- ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ  2022-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈندىكى خەۋىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاي خىتاي تىلى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىلى جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان تۆت كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ياپونىيەگە زىيارەتكە بېرىپ ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى » نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك» كە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ياپونىيەگە ئىمپورت قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن جىددىي جازا ۋە ئېمبارگو تۈزۈملىرىنى يولغا قۇيۇشنى قولغا كەلتۈرۈش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم جىددىي ۋەزىپىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ھەققىدىكى خەۋىرى مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانلاندۇرغان ئىدى.  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ سىياسىي ساھەسىدە لوبىچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيەدىكى لوبىچىلىق پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەپ ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ئۇتۇق تىلىدىم. ھەم ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىر مۇستەقىل كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن. تۈنۈگۈن ئاخشام يەنى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە بىر گوللاندىيەلىك قوللىغۇچۇم ماڭا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى زىيارىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنگلىزچە سەھىپىسىدىكى يەنى بۇ ئۇلىنىشتىكى خەۋەرنى ئوقۇپلا ماڭا دەرھال تېلېفون قىلغانلىقىنى ۋە مەن بىلەن بۇ خەۋەر ھەققىدە جىددىي شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەرنىڭ ئىنگىلىزچىسى بۇ ئۇلۇنىشتا : https://www.uyghurcongress.org/en/press-release-wuc-calls-on-japanese-government-to-take-meaningful-action-in-response-to-uyghur-human-rights-abuses/

«مەن بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم» دېدى بۇ گوللاندىيەلىك قوللىغۇچۇم جىددىي تەلەپپۇزدا…ئارقىدىن يەنە:

– شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق تۇرسا، يەنە كېلىپ ئامېرىكا دۆلىتى، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، چېخ، لىتۋانىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزى باش بولۇپ ئەنگلىيەدە قۇرۇپ چىققان « ئۇيغۇر سوتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قەبىھ جىنايى قىلمىشلىرىنى بىردەك ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلغان تۇرسا، ھەتتا بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن  دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات ئەنگلىيەلىك ئادۋوكاتلار بىلەن بىرلىكتە ئارگېنتىناغا بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىدۇ؟ ھەتتا بۇ ھەقتە ئىنگلىزچە بايانات بېرىدۇ؟ مەن بىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۆزەتكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى » ھەققىدىكى ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان لوبىچىلىق ھەرىكىتىگە ھەيران قېلىپ بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە سەن بىلەن پىكىرلىشىپ باقاي دەپ ساڭا تېلېفون قىلدىم- دېدى.

-سەن خاتا كۆرۈپ قالدىڭمۇ قانداق؟  مەن تېخى بىر سائەتنىڭ ئالدىدىلا قۇرۇلتاينىڭ تور تېلېۋىزىيەسىدە ئۇلارنىڭ ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى »نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەن دېدىم -يۇ ئەمما گەپنى دەرھال باشقا تېمىغا يۆتكەپ بۇ ھەقتە ئەتە يەنە پاراڭلىشىدىغان بولۇپ تېلېفوندا خوشلاشتۇق.

دەرھاللا  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر تىلدا تارقاتقان خەۋەرنى ( د ۇ ق تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋىرى: https://www.youtube.com/watch?v=48QS2F5J3Zk ) يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ ئاندىن ئىنگلىزچىسى بىلەن سېلىشتۇرسام، راست دېگەندەك ئۇيغۇرچە خەۋەر بىلەن ئىنگلىزچە خەۋەر پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. ئەتىسى يەنە تېلېفوندا بۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچىسى بىلەن ئىنگلىزچىسىنىڭ ھەقىقەتەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى دېسەم، ئۇ :« نېمە ئۈچۈن قۇرۇلتاينىڭ ئىككى خىل تىلدىكى ئوخشاش خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ؟ بۇنداق ئىشلارغا ئەستايىدىل بولمىساڭلار دۇنيانى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا ئىشەندۈرەلمەيسىلەر، ھەم سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارغا گۇمان بىلەن قارايدۇ» دەپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي چۇڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم.

زادى بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىز نېمە ئۈچۈن دۇنيانى ئىشەندۈرەلمەيمىز؟ چۈنكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىكى ئۇيغۇرچە تور تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى، باياناتلىرى بىلەن ئىنگلىزچە بەرگەن خەۋەر ۋە باياناتلىرىمۇ قەتئىي ئوخشىمايدۇ؟ شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى كۆزەتكۈچىلەرمۇ گۇمان بىلەن قارايدۇ. بۇ پەقەت بۇ بىر قېتىملىقلا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى يېزىپ ئېلان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىزامنامىسىمۇ ئۈچ خىل تىلدا، يەنى ئۇيغۇرچە، خىتايچە، ئىنگلىزچە تىللاردا  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىگە قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل تىلدىكىسى بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىدى. شۇ چاغدا مەن يەنى 2016-يىلى  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمدىن، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسادىن ھەتتا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىسام، ئۇلارمۇ تەرجىمە قىلىشتىكى خاتالىق بولۇشى مۇمكىن بىز يەنە قايتا قاراپ چىقايلى دەپ گەپنى تۈگەتكەن. ئەمما مەن بۇ ئۈچ خىل تىلدىكى ئوخشىماسلىقتەك سەتچىلىكنى فەيىسبوكتا ئېلان قىلىپ بۇ ھەقتە مىللەتكە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا نورۋېگىيەدىكى ئەكرەم ئىلىك بىلەن بۇ ئۈچ خىل تىلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىزامنامىسىنىڭ تەرجىمىدىكى خاتالىق بولماستىن بەلكى يېزىلىشتىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن كۆرسىتىپ يازما ئېلان قىلغان ئىدى.  ئەپسۇس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە 10 يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بۇ نىزامنامىنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكىسى ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. دېمەك مەسىلە تەرجىمىدىكى خاتالىق بولماستىن، بەلكى كىملەرنىڭ  مەقسەتلىك يازغىنى ئېنىق ئىدى. ئەگەر بىز بۇ مەسىلىنى بايقىمىغان بولساق تور بەتتە 10 يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بۇ نىزامنامە ھازىرغىچە تۇرغان بۇلاتتى. دۇنياغا بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىسى ھەرخىل ئىكەن، زادى بۇ مىللەتتە دىلدا بىرلىك بولمىغاندىكىن ئىشلىرى مۇشۇنداق چۇۋالچاق ئىكەن دېگەن سىگنالنى بىرىمىز.

تۈنۈگۈن ئاخشام گوللاندىيەلىك قوللىغۇچۇم بىلەن بولغان قىسقىچە سۆھبەتتىن  كىيىن  فەيىسبوكتا بۇ ھەقتە « دولقۇن ئەيسا نېمە ئۈچۈن؟ » دەپ تەنقىدى شەكىلدە تۆۋەندىكى قىسقىچە بىر يازما يېزىپ يوللىسام كۈچۈك تالاش-تارتىشلار بولدى.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئۆزى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچىسى ئوخشىمايدۇ؟

جازا لاگېرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاقلىرىدا، خورلۇقلىرىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار قوي-كالا ئەمەس! ئۇلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرلار. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار  قوي-كالا ئەمەس! بەلكى ئۇيغۇرلار. ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئىنسان !

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم، نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرچە تور تېلېۋىزىيەسىدە ئىشلەتكەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنى ئىنگلىزچە خەۋەردە ئىشلىتەلمەي بەلكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دېگەن ئىنگلىزچە سۆزنى ئىشلىتىسىلەر؟  ئۇيغۇرلار دەۋاسىغا دىققەت قىلىۋاتقان غەربلىكلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا  ئەمەس  ھەربىر تەشكىلات، سىياسىي پائالىيەتچى ئاكتىۋىستلارغا قەدەر  ئۇلارنىڭ ئىش -ھەرىكەتلىرى، سۆزلىرىگىچە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرخىل تىللاردا خەۋەر ياكى بايانات چىقارغاندا ھەممە تىلدىكىسىنىڭ چوقۇم ئوخشاش بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرسەڭلار.  گەپ-سۆزۈڭلارغا دىققەت قىلساڭلار. ئۇيغۇرلارنى كۆزەتكۈچىلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نېمە ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە  ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە چاقىرىق قىلماي بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىنى تۆۋەنلىتىپ كىشىلىك ھوقۇق  دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلىدۇ؟

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە قاتارلىق كۆپ خىل تىللىق تور بەتلىرىگە چىقىرىدىغان مەزمۇننى زادى كىم كۆرۈپ تەستىقلاپ ئېلان قىلىدۇ؟ ئەگەر بىر ئادەم تەستىقلاپ ئاندىن ئېلان قىلىدىغان ئىش بولسا نېمە ئۈچۈن مەزمۇندا بۇنداق چوڭ پەرق بار؟ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرى، ئورتاق ئىرادىسىدە دۇنياغا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى ھەممە تىلدا ئوخشاش ئىپادىلەيلى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىك -خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق دېمەكتۇر! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئازابىغا ھەسسە قوشقانلىق بىلەن باراۋەردۇر!

بىز دۇنياغا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىز چوقۇم ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە، ھەرقانداق تىلدا بايانات بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ بۇ ھەقتە مەيدانىمىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر باشقىلار : « كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ياكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» دەپ سۆزلىسە، « كەچۈرۈڭ، ئەپەندىم ياكى خانىم  شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەمەس ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ» دەپ ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىمىزنى ئۇلارغا ھەر ۋاقىت بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.

بۇ يالغۇز ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى بىلەن ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق كىرزىسى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇرلارغا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى، ئىنگىلىزچىسدا ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش، ئۇيغۇرچىسدا شەرقى تۈركىستان، ئىنگىزچىسدە ئۇيغۇر رايۇنى دىگەندەك بىر-بىرىگە زىت بولغان ئاتالغۇلاردىمۇ ھەرۋاقىت ھۇشيىار بۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەنپەتىدە ھەممە تىلدا بىرلىكنى ساقلىساق، دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا بۇلدىغان ئىختىلاپلىمۇ ئازايغان بۇلاتتى. ئىتپاقلىقىمىزغا تەسىر يىتىدىغان ئىشلارمۇ تەگەپ بىرلىكىمىز ئىشقا ئاشقان بۇلاتتى.

يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى