دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدىرىسقا ئەرىز

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدىرىسقا ئەرىز

مەن گوللاندىيەدىن ئابدۇرېھىم غېنى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدىرىس ئەپەندىمگە تۈۋەندىكى بىرقانچە مەسلە ھەققىدە ئەرىز قىلىمەن.

2021-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر تور يىغنىدا دوق باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدىرس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسى ئۈستىدىن ھەرقانداق نارازىلىق بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش بۈلمىگە ئايرىم خەت يازساڭلار بۇ ھەقتىكى ئەرزىڭلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەپسىلى، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىمىز دىگەنلىكى ئۈچۈن مەن تۈۋەندىكى بىر قانچە مەسىللەر ھەققىدە ئۈزەمنىڭ ئەرزىنى سۇنماقچى.

  1. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېىن 70 نەچچە يىلنىڭ ياقى ساقلاپ كەلگەن گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ مۇتلەق مەخپى ھۆججىتى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى مەخپى ھۆججەتنى نىمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىن ئەركىن ئالىپتېكىندىن سۈرۈشتىسنى قىلمايدۇ؟ دۇق نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۈنجى رەئىسى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن بۇ مەخپى ھۆججەت ھەققىدە بولتۇر فەيىسبوكتا يازما يېزىپ تۈركىيەگە بارغاندا بۇ ھۆججەتنى تېپىپ مىللەتكە قايتۇردىغانلىقىنى دىگەن. نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە قايتۇرمايدۇ؟ بۇنىڭغا دۇق چۇقۇم مەسئۇل بۇلشى كېرەك. ئەمما دوق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئىجرائىيە كومتىتى رەئىسى ئۈمەر قانات بۇنداق ھۆججەت يوق دەپ ئىنكار قىلىدۇ؟ ئەيسا يۈسۈپ ئۈزىنىڭ <<ئەسىر شەرقى تۈركىستان >> ناملىق ئەسلىمسىنىڭ 500-بېتىدە بۇ ھۆججەت ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بىرىپ ئىنشائاللاھ نەشىر قىلىپ تارقىتىمەن دىگەن تۇرسا. بۇ مەخپى ھۆججەت ھەققىدە خەلىقئارالىق ئادۋۇكاتنىڭ نەق مەيداندا سۆزلىگەن ۋېىدىيوسىنى سىزگە ئىۋەرتىمەن.
  2. دولقۇن ئەيسا ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنى قۇرغاندا، ئۈزى ماڭا ئالاھىدە تاپىلاپ سىنىڭ 19 ئائىلە ئەزالىرىڭ غايىپ بولغاندىن بېرى ئىزچىل ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قىلىپ كىلىۋاتسەن، سەن بۇ سوتتا چۇقۇم گۇۋالىق بەر، ھەم باشقىلارنىمۇ گۇۋالىق بىرىشكە سەپەرۋەر قىل دىگەن. مەن 2-سوتتا 19 ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە گۇۋالىق بىرىشتىن باشقا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۈشگى بولغان مەن 4 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئاقسۇ پىداگوكىكا مەكتىۋىنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ 2004-يىلدىكى غەرىپنى ئېچىش ۋە قوش تىللىق مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچللىرىنى تەربىيلەيدىغان بىر پىداگوكىكا مەكتىۋىدىن ئاقسۇ تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلشى ۋە نۇرغۇنلىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى نامىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرلۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ئىشسىز قېلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۈزەم شاھىت بولغان دەلىل-ئىسپات بىلەن گۇۋالىق بىرەتتىم. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلىق مەزگىلدە ئىككى يىل ئوقۇغۇچىلارنى ھەريىلى بىر ئايدىن پاختا تېرىش ئەمگىكىكە ئېلىپ چىققاندا مەن شاھىت ئىشلار ھەققىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ قۇل ئورۇندا مەجبۇرى ئىشلىتىلشى ھەققىدىمۇ گۇۋالىق بىرەتتىم. مەن بۇ گۇۋالىقلارنى بەختىيار ئۈمەرگە ۋېدىيولۇق بەرگەن. ئەمما سوتقا تاللانماپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بەختىيار ئۈمەردىن سۈرۈشتۇرسەم بىز پەقەت گۇۋالىقنى ئۇيغۇر سوتىغا ئىۋەرتىپ بىرىمىز، تاللاش تاللىماسلىق سوت كوللىگىيسىنىڭ ئۈزىنىڭ ئىشى، بىز ئارلىشالمايمىز، سىزنىڭ گۇۋالىقىڭىز تاللىنالماپتۇ ئەمما 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇر سوتىنىڭ تور بېتىنىڭ ئىنگىلىزچە سەھىپىسگە قۇيۇلدىغان بولدى دىدى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تور بەتكىمۇ گۇۋالىقىم قۇيۇلمىدى. مەن ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىگە نىمە ئۈچۈن تاللىنالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئېنىق جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇق خەت يازسسام بۇ ھەقتە ھىچقانداق جاۋاب بەرمىدى. مەن بەختىيار ئۈمەردىن سىز مىنىڭ گۇۋالىقىمنى قايسى ئادۋۇكاتقا، قاچان ئىۋەرتىپ بەردىڭىز؟ بۇ ھەقتە ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بەرسىڭىز مەن شۇ ئادۋۇكات بىلەن بىۋاستە ئالاقىلشىپ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىپ باقاي دىسەم ھازىرغىچە بۇ ھەقتە جاۋاب بەرمىدى. شۇڭا سىزنىڭ دوق نىڭ باش تەپتىش بۇلۇش سۈپتىڭىز بىلەن بەختىيار ئۈمەردىن بۇ ھەقتە دەلىل-ئىسپات بىلەن جاۋاب بىرىشنى تەكشۈرۈپ بىرشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.
  3. مەن 2018-يىلى 10-ئايدا ب د ت كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومسارى، ياۋرۇپا ئىتپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنى تاقاش، ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قۇيۇپ بىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش بىر ئىمزالىق جەدىۋەل لاھىيلىگەن ئىدىم. بۇ لاھىيەنى دولقۇن ئەيسا كۈرۈپ ئۈزى تۈزىتىپ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەرگەن. ھەتتا بۇ ھەقتە پىدايىلار ئېكرانىدا نەق مەيدان سۆھبىتى قىلغاندا دولقۇن ئەيسا ئۈزى تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۈزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەتتا دولقۇن ئەيسا ئامىستېردامغا مىنىڭ پائالىيتىمنى قوللاپ كەلگەندىمۇ ئۈزى قوللاپ ئىمزا قويغان. سانى 10000 گە يەتكەندە ئۈزى باش بۇلۇپ ب دت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يەتكۈزۈپ بىردىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىمزد قۇيۇپ 10000 دىن ئېشىپ كەتكەندە دولقۇن ئەيساغا بۇنى ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا يەتكۈزۈپ بىرىش ھەققىدە نەچچە قېتىم ئالاقىلاشساممۇ ھەرخىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بۇنىڭغا ئىگە چىقمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ دوق جازا لاگىرىنى تاقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلدى-يۇ، ئەمما جازا لاگىرىنى تاقىتىش ئۈچۈن توپلىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئىگە چىقمىدى؟ ئۇنداق بولسا دوق نىڭ مەقسىدى نىمە؟ نىمە ئۈچۈن داۋا قىلىدۇ؟
  4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 7-نۆۋەتلىك رەھبەرلىك نامزاتىنى تاللاش شەرتلىرىنىڭ ئىچىدە ۋەكىل بولغۇچىغا قۇيۇلدىغان شەرتلەرنىڭ 5-ماددىسدا 2009- يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 10 يىلغىچە بارمايدىغان بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. دوق رەھبەرلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈزى ۋەتەنگە بارمىسىمۇ ئەمما ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئورۇق-تۇققان، قېيىن ئاتا-ئانسى گېرمانىيەگە كىلىپ كىتىۋاتقان ھەتتا تۈركىيەگە كىلىپ كۈرۈشكەنلەر بار. بۇلارغا ھىچقانداق ئۆلچەم يوقما؟ بۇلارنى ئىسىم-فامىلسىنى دەپ بەرمىسەممۇ سىز بىلسىز.

يۇقارقى ئەرىزىمگە ئاساسەن دەلىل-ئىسپاتلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ  بىلەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە دەلىل –ئىسپاتلىق جاۋاب بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:

ئابدۇرېھىم غېنى

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى