ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئۆزۈڭ يېمسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقار تېنىڭنى.
ئۇيغۇر خەلق ماقالى
ئالدىنقى ئايدا ئەنگلىيەدىكى سالاھىدىن ئەھمەت ماڭا ئۇچۇر قىلىپ، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى <<5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى>> مۇناسىۋىتى بىلەن زور كۆلەمدە نامايىش ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرىنى نامايىشتا سۆز قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ئىكەن، ئەمما ئۇلار كەلگىلى ئۇنىماپتۇ. نەتىجىدە، مەزكۇر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلىنىپ ھەم ئۈمىدسىزلىنىپ، <<خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا ئاۋاز چىقارمايۋاتىدۇ، بىز خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىمىز، دەپ تىرىشىۋاتسىلەر. ئەمما، بىز ئەنگلىيەدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇپ سىلەرنىڭ تەشكىلاتلىرىڭلارنى تەكلىپ قىلساق، ئۇلار نېمە ئۈچۈن كەلگىلى ئۇنىمايدۇ؟>> دەپ بىزگە كايىپ قالدى. بىز ئەنگلىيەگە يېڭى كەلگەن، يەنە كېلىپ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلۇق كايىشنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن بەك خىجىل بولدۇق. ئۇلار يەنە، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىغانغا بىزگە ئۇيغۇر پائالىيەتچى كېرەك. شۇڭا، بۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان، بىزنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىپ بېرىدىغان ئۇيغۇر بولسا تۇنۇشتۇرۇڭلار، نامايىشتا سۆز قىلسۇن، دەپ بىزگە ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھالى شۇ بولغاچقا، سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ھەقتىكى پىكرىڭىزنى ئالاي دېگەن ئىدىم، دەپ ئەھۋال تۇنۇشتۇردى.

مەن سالاھىدىن ئەھمەد بىلەن پاۋۇلادىكى ۋاقتىدىلا تور دۇنياسىدا تۇنۇشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پات – پات ئالاقىلىشىپ، پىكىرلىشىپ تۇراتتۇق. مەن ئۇنىڭ مېنى نامايىشتا سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغىنىدىن ھەقىقەتەن خۇش بولدۇم. شۇڭا ئۇنىڭغا: <<مەن چوقۇم نامايىشقا بېرىشقا تىرىشىمەن. ئەمما، سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغاندەك، بۇلتۇر 10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى فىرانسىيەدىكى نامايىشقا كېتىۋېتىپ، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بارلىق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىم يوقاپ كەتتى. شۇڭا، مەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پىلاكاتلارنى دەرھال يېڭىدىن لايىھەلىتىپ، باستۇرۇپ ھازىرلىق قىلاي. لېكىن، بىر شەرتىم بار: مەن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاننىڭ ياقى ئىدارەمدىمۇ كۈنىگە پەقەت ئىككى – ئۈچ سائەتلا ئىشلەپ، باشقا ۋاقىتلاردا داۋالىنىپ، ئارام ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ ئارىلىقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ جەنۋەدىكى نامايىشىغا قاتنىشپ، پائالىيەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقاتقان ئىدىم. نەتىجىدە، مېنى سوقۇۋەتكەن شوپۇرنىڭ سوغۇرتا شىركىتى ئۈستۈمدىن، ئابدۇرېھىم غېنى ساقكەن، ئۇنىڭدا چوڭ زەخمە يوقكەن، ھەتتا جەنۋەگە بېرىپ نامايىشقا قاتنىشىپتۇ، دەپ ئەرز قىپتۇ. مېنىڭ ئادۋۇكاتىم ماڭا تېلېفون قىلىپ تەپسىلاتنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا، دوختۇرۇم سەن نېمىدىن خۇشاللىق ھېس قىلساڭ، شۇ ئىشنى داۋاملاشتۇر، بۇ ئارقىلىق سەندىكى روھىي بېسىم يېنىكلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاتناش ۋەقەسىدىن كېيىن پەيدا بولغان بويۇن، ئۇمۇرتقا ئاغرىقلىرىڭ شىپا تاپىدۇ، دېگەنىدى دېسەم، ئۇ، سېنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئائىت دېلويىڭ بىرتەرەپ بولمىغىچە، سەن نامايىش قىلماي ياخشى داۋالىنىپ، ياخشى ئارام ئال. دوختۇر ئۇنداق دېگەن بىلەن، سېنىڭ داۋالىنىش جەريانىدىكى چىقىملىرىڭنى قارشى تەرەپنىڭ سۇغۇرتىسى تۆلەيدۇ. ناۋادا سەن داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئارام ئالماي داۋاملىق نامايىش قىلساڭ، ئۇلار، بۇ ئادەم ساق ئىكەن، نامايىشمۇ قىلالايدىكەن، ئەمما خىزمەت قىلالمايدىكەن. شۇڭا، بۇنىڭ ئىشلىرى گۇمانلىق دەپ، بىزنىڭ دەۋا ئىشلىرىمىزغا زىيان بېرىدۇ. يەنى، قارشى تەرەپنىڭ ئەرزىنىڭ قانۇنىي ئاساسى كۈچلۈك بولىدۇ، دەپ مېنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۋەدىكى نامايىشتىن قايتىپ كېلىپ، بويۇن ۋە بەللىرىم ئاغرىپ بىر قانچە كۈن ئىشقا بارالمىغانىدىم. شۇڭا، خىزمەتداشلىرىم، سەن ئاغرىق دەپ كۈنىگە پەقەت ئىككى – ئۈچ سائەت ئىشلەپ داۋالىنىۋاتسەن، ئەمما نەچچە مىڭ كىلومېتر يىراقلىققا بېرىپ نامايىش قىلالايدىكەنسەن؟ دەپ ئالاھىدە سوراپ قويدى. دېمەك، ھەممىسى مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەن ئەڭ ئاۋۋال ئادۋۇكاتىمدىن بۇ ھەقتە سوراپ باقاي. سىز مۇسۇلمانلار تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ، ئۇلار مېنى نامايىش جەريانىدا پەقەت 10 مىنۇتلا سۆز قىلىدۇ، دەپ بىر تەكلىپنامە ئەۋەتسۇن>> دېدىم. سالاھىدىن ئەھمەد، بولىدۇ، مەن ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قوياي، دېدى. ئەپسۇسكى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ئۇلاردىن ھېچقانداق ئۇچۇر – خەت كەلمىدى.
7-ئاينىڭ 13- كۈنى ماھىرەخان ئىسىملىك بىر ئايال ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى نامىدىن، مېنى 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدىغان چوڭ نامايىشقا تەكلىپ قىلىپ، ۋاتساپتا ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ. بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ شۇنچە خۇش بولدۇم. چۈنكى، 19 نەپەر ئائىلە ئەزاسى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مەندەك بىر تىرىك شاھىدتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولغان ئەنگلىيەدە يەنى كىلىپ تاجاۋۇزچى خىتاي دۆلىتىنىڭ باش ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ شەرمەندە يۈزىگە تىكىلىپ ۋە تۈكۈرۈپ تۇرۇپ، بۇ تاجاۋۇزچى، قانخور ھاكىميەتنىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنياغا پاكىتلىق ئاڭلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى سەھنە – مەيدانى ئىدى. شۇڭا، ماھىرەخانغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ جاۋاب خەت يازدىم. ئاندىن، بۇ نامايىشقا ئۈلگۈرتۈپ لايىھەلەتكەن ئۇزۇنلىقى 7 مېتىر، كەڭلىكى 1.30 مېتىرلىق ئۈچ دانە پىلاكاتنى (بۇ پلاكاتلارنىڭ بىرسى، ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئىشلەتكەن رەسىملەرنىڭ ھەممىسنى مۇجەسسەم قىلغان لايىھە؛ ئىككىنچىسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت دوكلاتقا قىستۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچلىققا ئائىت 10 پارچە رەسىم؛ ئۈچىنچىسى بولسا، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئاشكارىلانغان مەخپىي ساقچى ئارخىپى ھەققىدە ئىدى) ئاپارسام بولامدۇ، دەپ ئۆرنەكنى ئەۋەتسەم، ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ جاۋاب قايتۇردى. شۇنداقلا، پاسپورتىڭىزنىڭ بىرىنچى بېتىنى ۋە تەپسىلىي ئادرېسىڭىزنى قوشۇپ ئەۋەتىڭ. ئۇندىن باشقا، بىزدىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز بولسا ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ دەپ تاپىلىدى. مەن سالاھىدىن ئەھمەدكە تېلېفون قىلىپ بۇ ئەھۋاللارنى يەتكۈزدىم، ئەلۋەتتە بۇ قېرىندىشىمىزمۇ قالتىس خۇش بولدى. ئۇ، كەلسىڭىز، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭ. ھازىر مەن ئۆيدە بالىلىرىم بىلەن يالغۇز، دېدى. بىز يەنە بۇ قېتىملىق نامايىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن بۇ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، باشقا پىلانلار ھەققىدىمۇ سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن، ياخشى پىلانلارنى تۈزۈشتۇق.

مەن، قانداق قىلغاندا ماڭا بېرىلىدىغان 10 مىنۇت ۋاقىتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەڭ چۈشىنىشلىك شەكىلدە جانلىق، ئوبرازلىق، تەسىرلىك قىلىپ سۆزلىيەلەيمەن؟ دېگەن مەقسەتتە پۇختا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. بۇ ئارىلىقتا، سالاھىدىن ئەخمەت ئارقىلىق ئابدۇللاھ ئىسىملىك يەنە بىر قېرىندىشىمىز بىلەنمۇ تونۇشتۇم، ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى پىلانلىرىنى تونۇشتۇردى. ئەسلىدە، نامايىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يازلىق دالا پائالىيتى بار ئىكەن. ئابدۇللاھ، ئەگەر مەن بىر قانچە كۈن بۇرۇن كېلەلىسەم، مېنى شۇ يازلىق دالا پائالىيتىگە ئاپىرىپ، شۇ يەردىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكلىپ قىلدى، بۇنىڭدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم.
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، … ھەپتە ئۆتتى، لېكىن ھىچبىر خەۋەر يوق. سالاھىدىن بىلەن ئابدۇللاھ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، ئۇلار نېمىشقىدۇ ئېنىق جاۋاب بەرمەي، بىز ئويلىشىپ، ئاندىن خەۋەر قىلىمىز، دەپ گەپنى تۈگىتىپتۇ. نامايىشنىڭ ۋاقتى قىستاپ قالغاچقا، مەن ئۆزۈم ماھىرەخان بىلەن ئالاقىلاشتىم. ماھىرەخانمۇ گاڭگىرىغان ھالدا، بەزى ئىشلارنى مەنمۇ ئېنىق چۈشىنەلمىدىم. دەسلەپتە، مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سىزنى نامايىشقا تەكلىپ قىلىش ۋە سۆز قىلىش ھەققىدە ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ماڭا رۇخسەت بەرگەنىدى. ئەمما، ھالا ھازىردا بۇ ئىشلار مېنىڭ كونتروللىقىمدا ئەمەس. مەن رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلشىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت جاۋابىنى سىزگە خەۋەر قىلاي دېدى. نەتىجىدە، 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۇنىڭدىن، بەك ئەپسۇسلىنارلىق بولدى، سىز نامايىشقا قاتنىشىش ۋە سۆز قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنمايدىغان بولدىڭىز. بۇ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسنىڭ ئاخىرقى قارارى، ئۇلارنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارار چىقارغانلىقىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم، ئەمما بەك ئەپسۇسلاندىم، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، دەپ ئۇچۇر كەلدى. بۇ قېتىملىق ئالتۇندەك پۇرسەت بىكار بولۇپ كەتمىسۇن دەپ، بارلىق چىقىملارنى ئۈزەم قىلىپ يېڭىدىن لاھىيلەتكەن ئۈچ دانە پىلاكاتنى ئېلىپ نامايىشقا باراي، ماڭا 10 مىنۇتلا سۆز قىلىش پۇرسىتى بىرىڭلار دەپ قايتا ئۇچۇر يازسام، بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دىدى.



مەن بارالمىساممۇ، نامايىشقا ئالاھىدە ياساتقان پىلاكاتلارنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىىنى سالاھىدىن بىلەن ئابدۇللاھقا ئەۋەتىپ بېرەي، شۇلار نامايىشتا ئىشلەتسۇن دەپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتىم. ئابدۇللاھ، ۋاي، كېلىۋېرىڭ، دېگەندە، مەن، سۆز قىلىش پۇرسىتىنى بەرمىسە، بارغىنىمنىڭ ئاساسەن ھېچقانداق پايدىسى يوق. مەن بۇ قېتىملىق نامايىشقا مەخسۇس لايىھەلەتكەن ئۈچ دانە پىلاكاتنى سىلەر باستۇرۇپ، نامايىشقا ئېلىپ بېرىپ، شۇ نامايىشقا ئىشلىتىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن نامايىش بولۇپ قالسىمۇ ياكى مەسچىتلەرگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئاڭلىتىشقا بارساڭلارمۇ، بۇ پلاكاتلار ناھايتى ياخشى تەشۋىقات قورالى بولالايدۇ دەپ، قايتا – قايتا تاپىلىدىم. ئەپسۇس ، سىز كىلەلمىسىڭىزمۇ، بىزنىڭ تەشەببۇسىمىز بىلەن نامايىشقا تەييارلىق قىلغان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى دەلىل – ئىسپات بىلەن لاھىيلىگەن پىلاكاتلىرىنى باستۇرۇپ نامايىشتا ئىشلىتەيلى دىگەن جاۋابنى ئالالمىدىم.
ئەڭ ئاخىرىدا، قاتتىق ئېچىنىش بىلەن سالاھىدىن ئەھمەد ئاكىمىزغا شۇنداق دېدىم: مەن ھالىمىزغا ئېچىنىۋاتىمەن، بىزنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە تىلىگەن سىياسىي پاناھلىقىمىز ۋەتەندە تۆكۈلگەن ھېسابسىز قانلارنىڭ بەدىلىگە كەلگەن. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يالغۇز ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۈتۈرۈپ نامايىشقا چىقىش بىلەنلا ئاڭلىتىپ بولالمايمىز، توغرا، ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق نامايىشلاردا چۇقۇم بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇنىڭغا يانداشقان ھالدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىھەم يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى مۇجەسسەملەنگەن پىلاكاتلارمۇ بولۇشى لازىم. مېنىڭ ئامسېتردامدىكى يالغۇز كىشلىك تىنىچ نامايىشىم نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىنى تارتتى؟ چۈنكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغانلىقىغا ئائىت دەلىل – ئىسپات بىلەن ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ۋە بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا ئائىت دەلىل – ئىسپاتلار يېتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن.
بىزدە، ئۆزۈڭ يېمسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقار تېنىڭنى، دېگەن ماقال بار. بىز ئۆزىمىزنىڭ غېمىمىزنى ئۆزىمىز قىلىپ، ئىشىمىزنىڭ يۈگەن – تىزگىنىنى ئۆز قولىمىزدا تۇتمىساق، يۈگەن باشقىلارنىڭ قولىدا بولۇپ قالسا، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۇلارنىڭ نەپسىگە توغرا كەلگەندە، ۋاي، شۇنداق، دېگەن بىلەن، مەنپەئەتىمىز ئازراقلا پۇت تېپىشسە، بىزنى دەرھال يوقال ! دەيدىكەن. شۇڭا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر نەسىللىك قېرىنداشلىرىمغا شۇنى نىدا قىلىمەن: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۆزىمىزنىڭ دەۋاسىدۇر، شۇڭا، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئانا دەۋاسىغا سادىق بولايلى، مۇستەقىللىق دەۋايىمىزدا راستچىل – سەمىمىي بولايلى !
2022 – يىلى 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، گوللاندىيە