تىبەتلەرنىڭ نامايىش پائالىيتىدە ھىس قىلغانلىرىم

تىبەتلەرنىڭ نامايىش پائالىيتىدە ھىس قىلغانلىرىم

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

تۈنۈگۈن ئامسىتېردام دام مەيدانىدا «تىبەتنى قوللاش تەشكىلات» نىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدىكى «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولۇمپىك »مۇسابىقسنى بايقۇت قىلىش نامايىشغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم. بۇ مىنىڭ ھازىرغىچە تىبەتلەرنىڭ پائالىيتىگە ئىككى قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتنىششىم ئىدى. ئىلگىركى ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان «دالايلامانىڭ تۇغۇلغان كۈن» نى خاتېرلەش پائاليتى ئىدى. بۇ نامايىشقا نىسبەتەن مەندە ھىچبىر تەييارلىق يوق ئىدى. چۈنكى بۇلتۇر فىرانسىيەدىكى نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كىتۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا نامايىشتا ئىشلىتىدىغان بارلىق ماتېرىياللارىم يۇقاپ كەتكەن بۇلۇپ ھازىر قۇلۇمدا نامايشتا ئىشىتىدىغانغا بىر بايراقتىن باشقا ھىچنەرسەم يوق ئىدى. شۇڭا گوللاندىيەدىكى باشقا تەشكىلاتلاردىن بۇ نامايىشقا تەكلىپ قىلىنغانلار بولسا بايراق ۋە لوزىنكىلارنى ئېلىپ بىللە بارايلى دەپ گوللاندىيە جامائەت تۇپىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلدىم. ئەپسۇس سەككىزدەك تەشكىلات بار گوللاندىيە جامائەت توپىدىن ھىچقانداق سادا چىقمىدى. ئەمما خىتايغا قارشى نامايىش دىسە قەيەردە ، قايسى تەشكىلات نامايىش ئورۇنلاشتۇرغانلا بولسا ئۈزىگە خاس نامايىش ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ شۇ يەردە ھازىر بۇلدىغان ھارماس پىداكار تاي ھاجىم ماڭا تېلفۇن قىلىپ ئۈزىنڭ بۇ نامايىشقا مەن بىلەن بىللە بارغىسى بارلىقىنى ئېيىتتى.


يولدىكى قاتناش قىستاڭچىلقى سەۋەبىدىن بىر ئاز كىچىكىپرەك نامايىش مەيدانىغا يىتىپ باردىم. بىر قانچە تىبەت كىلىپ مەن بىلەن قىزغىن كۈرۈشىپ نەچچە يىلنىڭ ياقى ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشمدا شەرقى تۈركىستان خەرىتىسى بىلەن تىبەت خەرىتسنمۇ قۇشۇپ لاھىيلىگەن پوستېرىم ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۇردى. نامايىشتا شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن سەن سۆز قىلىپ بەر دەپ سۆزگە تەكلىپ قىلدى. قۇلۇمغا مىكروفۇننى ئېلىپ غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ جانلىق ئىسپاتى شۇنداقلا غايىپ بولغان مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلسىنىڭ جانلىق تىراگىدىيسى ئىكەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستاندا بۇلاۋاتقان قىرغىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى گوللاندىيە تىلىدا ئاڭلاتتىم.شۇئارلارنى توۋلىدىم. تاي ھاجىم ئۈزى ئېلىپ كەلگەن قار تېيلىش كانكىسىغا خىتاي تاجاۋۇزۋىللىرىنىڭ بايرىقىنى سۆرىىتىپ دام مەيدانىدا ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ تاي ھاجىم بىلەن بىللە نامايشتا ئۇيغۇرنىڭمۇ تىبەتلەر بىلەن بىللە خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلدۇق. نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرغان نامايىش بىلەن تىبەتلەر ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشتىكى بەزى پەرىقلەر دىققىتىمنى تارتتى. تىبەتلەر نامايىشنى تىبەت دۆلەت مارشى بىلەن باشلايدىكەن، نامايىش ئارلىقىدا يەنە بىر قېتىم قويدىكەن. بىزدە نامايىشنى دۆلەت مارشى بىلەن باشلايدىغان ئەھۋاللار تازا ئۇمۇمىلشىپ كەتمىدى.نامايىشقا تىبەتلەر ئۈزىنىڭ مىللى كىيمىنى كىيىپ كىلدىغانلار كۆپرەككەن، ئەمما بىزدە دوپپا كىيىپ نامايىشقاكىلدىغانلارمۇ بەك ئاز. تىبەتلەردە نامايىش ئىنتىزامى كۈچلۈككەن. نامايىش جەريانىدا ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ نامايشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋالنى كۆرمىدىم. ئەمما بىزدە بۇخىل ئەھۋال ئېغىر، ھەتتا تاماكا چىكىپ بىر تەرەپتە بىر توپ بۇلۇپ پاراڭ سېلىشىپ تۇرۋالدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. تىبەتلەر نامايىشتا ئالدىغا چىقىپ شۇئار توۋلايدىغانلارغا مەخسۇس تەييارلانغان شۇئار تېكىستلىرى يېزىلغان ۋاراقچە تارقىتىپ بىرىلدىكەن، شۇنىڭغا قاراپ شۇئار توۋلايدىكەن. مەنمۇ شۇنىڭغا قاراپ شۇئارتوۋلىدىم. بىزدە بۇنداق ئەھۋاللار ھازىرغىچە ئۇمۇمىلاشمىدى. ھەمىمىز بىلگەنچە قالايمىقان توۋلايمىز. نىمىگە قارشى نامايىش قىلماقچى بولسا شۇ مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۇردىغان لوزىنكىلارنى كۈتۈرۈپ تۇردىكەن. تۈنۈگۈن ھەممىسىنىڭ قۇلىدا تىبەت بايرىقى بىلەن بېيجىڭ ئولومپىكنى بايقۇت قىلىش لوزىنكىسى بار.ئەمما بىزدە بۇنداق ئەمەس قاچانلا نامايىش قىلساق ئاساسەن بۇرۇنقى لوزىنكىلارنى ئىشلىتىمىز. نامايىش جەريانىدا خاڭكۇڭلۇقلارنىڭمۇ ۋەكىلى قاتنىشىپتىكەن. ئۇمۇ سۈزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تىلغا ئالدى. نامايىشدىن كىيىن مەن بىلەن كۈرۈشتى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بولسا ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. بىر قىسىم فوتوگىرافچىلار بىلەن تۇنۇشتۇم. ئۇلارمۇ مىنىڭ پائالىيەتلىرىمنى تورلاردىن كۈرۈپتىكەن. ئۇيغۇرلار پائالىيەت قىلساڭلار ماڭا خەۋەر قىلىپ قوي مەنمۇ كىلىپ رەسىمگە تارتىپ تارقىتىمەن دىدى. ھەم ئۈزى بۇ نامايىشتا تارتقان رەسىملەرنى ماڭا ئىىۋەرتىپ بەردى.يىغىپ ئېيىتقاندا بۇ نامايىشتا بىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى مەسىللەرنى ئۈگەندىم. ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان پائالىيەتچى ۋە بىرقىسىم فوتوگىرافچىلار بىلەن تۇنۇشۇپ ھەمكارلىشىش ھەققىدە پىكىرلەشتىم.

يېزىلغان ۋاقتى 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى