بىر غەرىپلىك بىلەن بولغان قىسىقچە سۆھبەت

بىر غەرىپلىك بىلەن بولغان قىسىقچە سۆھبەت
 
 
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يالغۇز كىشلىك نامايىش جەرياندا ھەرخىل سۇئاللارغا دۈچ كەلدىم، بۇ سۇئال مېنى خېللا ئويلاندۇردى. بىر چەتئەللىك شۇنداق سورىدى ۋاڭجىن سىلەرنىڭ ۋەتەنگە بېسپ كىرگەندە ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇق قىرغىن قىلپتىكەن. ھەتتا يىغلاۋاتقان كىچىك بالىمۇ ۋاڭجىننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىا يىغسدىن توختاپ قالدىكەن.ۋاڭجىن قەشقەرگە كەلگەندە مەسچىتلەرنى ئۇيغۇرلارغا چېقىشقا مەجبۇرلاپ قېنى سەن ئىبادەت قىلۋاتقان خۇدايىڭنى چاقىرە ساڭا ياردەم قىلامدۇ؟ چاقە مەسچىتىڭنى دىسە ھىچ قارشىلىق قىلماي مەسچىتلىرىڭلارنى ئۆز قۇلۇڭلار بىلەن ئۈزەڭلار چېقىپتىكەنسىلەر. بۇنى قانداق چۈشەندۈرسە؟ ئۇيغۇرلار ئۈزەڭلارنى ئىخلاسمەن مۇسۇلمان دەپ ئويلايسىلەريۇ، ئەمما مۇقەددەس دىنىڭلار،غۇرۇرۇڭلار دەپسەندە قىلىنسا، ھەتتا ئۈزەڭلار ئىبادەت قىلۋاتقان مۇقەددەس مەسچىتنى چېقىشقا مەجبۇر قىلنىۋاتسا، شۇ مەسچىتنى چېقىشقا قولغا تۇتقۇزغان ئەسۋاب بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ ھەي كاپىر سەن نىمە دەۋاتسەن دەپ قارشىلىق بىلدۈرمەپتىكەنسىلەر؟ سىلەردە قارشىلىق قىلىش روھىي بارمۇ يوق؟ زۇلۇمغا ئۇچۇرغىنىڭلاردا دىنىڭلار،غۇرۇرۇڭلار دەپسەندە قىلىنغاندا قارشىلىق قىلىپ ئۈلۈپ كەتسەڭلار بۇنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ئۈلۈم ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر دىنىڭلارنىمۇ ياخشى بىلمەيدىكەنسىلەر؟ بەدەل تۈلەشنىڭ نىملىكىنى تېخمۇ بىلمەيدىكەنسىلەر؟ شۇڭا ساڭا تەۋسىيەرىم مۇستەملىكىدە قالغان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىىققا قانداق ئىرىشكەنلىكىنى، قانداق بەدەللەرنى تۈلگەنلىكى ھەققىدە كۆپرەك ئىزدەن. مۇستەقىللىق قۇرۇق شۇئارغا، ئارزۇ ھەۋەسلەرگە، ھاياجانغا كىلدىغان نەرسە ئەمەس ،بەلكى ئادالەت،ھەققانىيەت ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى ئىزچىل تۈلگەن بەدەلگە كىلدۇ دەيدۇ.ئاتا ئانسىنىڭ ئورۇق تۇققانلىرىڭ ئىزدىركىنى قىلالمىغان باشقا ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن ئەملىي ھەركەتكە ئۈتۈپ ساڭا ئوخشاش قۇلدىن كىلدىغان ھىچنىمە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ئىشنى ئەركىن دۆلەتتە قىلالمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن خىتايلارنى جازا لاگېرىدا بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۈتۈرۈپ ئۆز دۆلىتىدىكى پارلامنىت بىناسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ كۈنلەپ، ئايلاپ تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ شۇ دۆلەتتىكى خەلىقنىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، چوڭ – چوڭ ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشمايدۇ؟ قارا بۇ دەرەخكە چاپلانغان يۇقاپ كەتكەن مۈشۈك ئىزدەش ئېلانىغا؟ مۈشۈك ھەققىدە شۇ قەدەر تەپسىلى مەلۇمات بار. سىلەر ئىز دىركىنى قىلالمىغان ئۆز ئاتا – ئاناڭلارنىڭ، ئورۇق- تۇققانلىرىڭلارغا ئىگە چىقىپ مۈشۈك ئىزدىگەنچىلىك ئىزدىركىنى قىلمىساڭلار؟ ئاتا ئاتا – ئاناڭلارنىڭ سىلەرگە بەرگەن ھەققىنى قانداق ئادا قىلسىلەر؟ ھەتتا ئۇيغۇرلار سىلەرگە زۇلۇم قىلۋاتقان خىتايلارغا قارشى ھەركەتكە ئۆتمەي، سىلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋتى بولمىغان ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتىگە، سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇش قىلسىلەر؟ سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا كىم زۇلۇم قىىلسا شۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار دەپ تۇرسا، سىلەرگە زۇلۇممۇ قىلمىغان، ھەتتا سىلەر ئۈچۈن بىر ئېغىزمۇ ئاخبارات ۋاستىللىردا سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن زۇلۇمى دۇنياغا ئاڭلاتمىغان ئەرەپلەرگە نەقەدەر ئەملى ھەركىتىڭلار بىلەن ياردەم قىلىپ ئۈزىڭلارنى خەلىقئاراغا تېرۇرىست دەپ باھانە بوپ بىرىشكە سەۋەب بۇلدىكەنسىلەر؟ سىلەردە سىياسى كاللا بىلەن ئىش قىلدىغان، دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيتىنى ياخشى چۈشۈندىغان، ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلىقئارانىڭ سىياسى ئاتمۇسفىراسغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ باردىغان لېدىرلار يوقمۇ؟ دەپ سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى.
بۇ قىسىقچە سۆھبەت ماڭا نىسبەتەن بىر تەربىيۋى ئەھمىيتى بار دەرىس بولدى. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى ھەم بۇ ھەقتە تەپسىلى سوغاققانلىق بىلەن ئويلىىنىشقا مەجبۇر قىلدۇردى. ھەتتا يالغۇز كىشلىك نامايشنى داۋاملىق قىلىشتىكى ئىرادەمنى كۈچەيتتى. بۇرۇن چەتئەللىكلەر بىزنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلايتىم،ئەسلىدە بىز ئۈزىمىزنى ئۈزىمىز چۈشەنمەيمەيدىكەنمىز.چەتئەللىكلەر بىزنى خېلى ئوبدان چۈشۈندىكەن، ئۇيغۇر ھەققىدە خېلى مەلۇماتى باركەن. مۇشۇنداق بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى ئىشلارنى بىلدىغان چەتئەللىك بىزنىڭ ھازىرقى چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتتىن كىلىپ چىققان رەسۋاچىلىقلارنى بىلمەي قالامدا؟سۆزلىسەم گەپ تۇلا. شۇڭا نامايىشنى يالغۇز قىلسا ھىس قىلغان ئىشلار كۆپ بۇلدىكەن، نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بۇلدىكەنمەن. شۇڭا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش قاراىغا كەلگىلى خېلى بولدى. قېنى توردىكى يازمىللىرى ئارقىلىق ۋەتەن ،مىللەتنى قۇتقۇزماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز قاچانغىچە ئاتا ئانىسنىڭ ئورۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىزدىركىنى قىلىپ ئەملىي ھەركەتكە ئۆتمەي يەنلا بىر – بىردىن قۇسۇر تېپىپ، ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بۇلۇپ زېھنىنى، مەنىۋى ئىنىرگيسىنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قاراتماي ئۆز ئارا بىر بىرسىگە قارتىۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن!!!. زۇلۇمنى ئۇيغۇرغا ئاڭلىتىشتىن چەتئەللىكلەرگە ئاڭلىتىدىغان ئەملىي ھەركەتكە ئۈتەيلى!!! ھەممىمىزنىڭ كەمچىلكىمىز بار، كەمچىلكىمىزنى كۆرمەي ئارتۇقچىلقىمىزنى كۈرەيلى. نىمىشقا خىتايدىن بىر نەرسەلەرنى قىزغىنمايمىز ؟تالاشمايمىز؟ ئەمما ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كىچىكىنە بىر ئىشتا كىلشەلمەي قالساق قىزغىنىپ بىر بىرىمىزنىڭ ئەيپىنى ئېچىپ تىل ئاھانەت ياغدۇرىمىز. كىچىككىنە ئەملىي مىسال: ئاتا- ئانىمىزدىن مىراس قالغان زىمىننى ئۆز ئاكا – ئۇكۇللىرىمىزدىن، ئاچا-سىڭىللىرىمىزدىن تالىشىپ تام چاقسا بىر غېرىچۇ كەلمەيدىغان يەرنىڭ داۋاسىنى قىلىپ سوتمۇ – سوت ئەرىز قىلىپ ئۆمۈر بۇيى زىديەتلىشىپ گەپ قىلىشماي ھەتتا توي -تۆكۈن، ئۈلۈم – يىتىم ئىشلىرغىمۇ بارمايمىز. لىكىن خىتايلار شۇنچە مۇنبەت زىمىنىمىزنى بېسىۋالسا، زىمىنىمزدىن ھەيدەپ چىقىرۋاتسا كارىمىز يوق، مېنىڭ بېشىمغا كەلمىگەندىكىن دەپ. ئەمدىچۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ بېشقغا كەلدى. ئويغۇنايلى قېرىنداشلار!!! ئىتپاقلىشايلى!!! پۈتۈن زېھنىمىزنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارتىپ جازا لاگىرلىرىغا ئىڭراۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئاھۇ زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ جازا لاگىرىنى تاقاشقا دۇنيانى ھەركەتكە كەلتۈرەيلى.
 
2018-يىلى 13 – ئاۋغۇستتا يېزىلدى