ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئەركىن ئەكرەم لىكسىيەسىدە غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس 4 قېتىم تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئاخىرقى چىقارغان قارارى ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇشقا تەييار ئەمەسكەن دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىپتىكەن دەپ سۆزلىگەن. ھەم ئالدىنقى يىلى سۆزلىگەن لىكسىيەسىدىمۇ خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرلۇشى غەرب ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلدىغان يەنە بىر پۇرسەت بىز بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويساق بۇنداق پۇرسەت يەنە 100 يىلدىمۇ كەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ سۆزلىگەن. ئۈمىت مۇسابايۇفنىڭ لىكسىيەسىدىمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلغان. ئامرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنىرالىنىڭ ئاغزىدىمۇ ش ت مۇستەقىللىقى ھەققىدە ماقاللارمۇ،ئېلان قىلىندى. دىمەك شەپە بار ئەمما بىز تەييارمۇ؟ چەتئەلىكلەرمۇ بىزنى بەك كۈزتىدىكەن، سىلەرنىڭ لىدىرىڭلار كىمۇ؟ قايسى لىدىرىڭلار سىلەرنى بىر بايراق ئاستىغا يىغالايدۇ؟ دىگەندەك نۇرغۇن سۆھبەتلەر بولدى يالغۇز كىشلىك نامايىشىمدا. ھەتتا سىلەرمۇ خىتاي تەرپىدىن تىبەتلەردەك بېسىۋېلىنغان زىمىن دەپ تەشۋىق قىلدىكەنسىلەر نىمە ئۈچۈن سىلەردىكى سۈرگۈندىكى ش ت جۇمھۇرىيتى بىلەن دوق ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارمايدۇ؟ سىلەرمۇ نىمە ئۈچۈن تىبەتلىكلەردەك سەرگەردان ھۈكۈمىتىڭلارنى تەرەققى قىلدۇرمايسىلەر؟ دىسەم گەپ جىق بەك جىق سۇئاللارنى سورىدى. بىزنىڭ رەھبەرلەردىنمۇ بەلكى ھەرقايسى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇنداق سۇئاللارنى سورايدىغاندۇ؟ ئۇلار نىمە دەپ جاۋاب بىردىغاندۇ؟ بىز ھىچنىمنى بىلمەي توردا تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ھەرقايسى يىغىنلاردا چۈشكەن رەسىملىرىگە قاراپ پاھ دەپ ھاياجانلىنىپ قاراپ ئولتۇرغان بىلەن ئۇلارنىڭ نىمە سۆھبەت قىلغىندىن خەۋرىمىز يوق. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى سەتچىلىكلەر ئاشكارلىنىۋاتىدۇ، بەلكى يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن مۇشۇ ۋاقىتتىكى سەتچىلىكلەر ئاشكارىلانسا كىينكىلەر بىزنى تىللايدۇدە. خۇددى بىز ئىلگىركىدىكىلەرنى تەنقىدلەپ تىللىغاندەك. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ دەپ. تەلەينى بىز سەۋەب قىلىپ ئىزدىمسەك،تەلەي بىزنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ.
بۇ تىما ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلارغا جاۋابىم
سىز مەن يازغاننى چۈشەنمەپسىز.. مەن يالغۇز كىشلىك نامايىش جەرياندا چەتئەلىكلەر بىلەن بولغان سۆھبەتتە چەتئەلىكلەرنىڭ ماڭا دىگەن سۆزلىرىنى يازدىم. ھازىر مىللەت ئىتپاقلىققا، بىرلىككە مۇھتاج. چەتئەلىكلەرنىڭ دىگىنى غۇلام ئوسمان رەھبەلىكىدىكى ش ت س ھۈكۈمىتى دىمدى، سىلەرنىڭمۇ ش ت لىقلارنىڭ سۈرگۈندىكى ھۈكۈمىتى يوقمۇ؟ نىمە ئۈچۈن دوق بىلەن بىرلىكتە ئىتپاقلىشىپ ئىش قىلمايدۇ؟ دەپ سورىدى. دوق بىلەن سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەت بىر بىرىنى قوللاپ خىتايغا قارشى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشسا كىم خوش بۇلىدۇ.پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى ش ت لىقلار خوش بۇلىدۇ. كىمنى ئەڭ غەزەبلەندۈرىدۇ؟ تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىنى. ئۆز ۋاقتىدا ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن گومىنداڭ بىلەن گۇڭسەنداڭ بىرلەشتى. نىمە ئۈچۈن ئەمسە بىزنىڭ دوق، سۈرگۈندىكى ش ت ھۈكۈمىتى خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلالمايدۇ؟ مەن ھىچبىرسىنى ئىنكار قىلمىدىم، پەقەت چەتئەلىك كۈزەتكۈچىنىڭ سۈزىنى بۇ يەردە شەرقى
Yezilghan wakqi : 12-06-2019