ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
سۆز ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ. ئېغىزدىن چىقىپ بولغاندىن كىيىن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ- خاتىرەمدىن

ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالامدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئىلگىرى دوكتور، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇشتىن ئىلگىرىكى يەنە 2017-يىلى 11- ئايدىن بۇرۇنقى لېكسىيەلىرىگە بىر نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەركىن ئەكرەم ئۇ چاغلاردىكى لېكسىيەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشى ھەققىدىكى لوگىكىلىق ئانالىزلارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆزەتكەن نۇقتىلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئۇنىڭ » شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى «، » بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىققا تەييارمۇ؟« ، »ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالامدۇ؟ «، »خىتايغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتنى كىم تەشكىللەيدۇ؟ « دېگەن لېكسىيەلىرى دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە بولغان. مەن بۇ لېكسىيەلەرنى كەينى كەينىدىن ئاڭلاپ دۆلەت قۇرۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ئەركىن ئەكرەم ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولدى دەپ ئۈمىدلىنىپ كېتەتتىم. بۇ يالغۇز مېنىڭلا ھېس قىلغىنىم ئەمەس بەلكى دېئاسپورادىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرى ئىدى. ئەركىن ئەكرەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇئاۋىن رەئىس ئەمەس بەلكى بىر ئەزاسى مەزگىلىدە سۆزلىگەن لېكسىيەلىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى كۈچۈك تەنقىد قىلاتتى. ئۇ لېكسىيەلىرىدە پەقەت ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاننىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان بولغاچقا، شەرقى تۈركىستان دەۋاسى بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئوخشاش بىر دەۋا دەپ قارىغاچقا، بۇ ئىككى دەۋانى بىر دەۋا دەپ خاتا چۈشىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى بىر دەۋا دەپ چۈشىنىدىغان دۇنيادا پەقەت ئىككىلا مىللەت بار، يەنى خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىككى دەۋا. ئۇيغۇر دەۋاسى كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى يەنى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ھەقلىرىنىڭ دەۋاسى. ئەمما شەرقى تۈركىستان دەۋاسى زېمىن دەۋاسى يەنى مۇستەقىللىق دەۋاسى. غەرب دۆلەتلىرى پەقەت ئۇيغۇر مەسىلىسى دەپلا تىلغا ئالىدۇ. بۇ ئىككى ئوقۇمنى ئايرىماق لازىم. بەزى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرسە شەرقى تۈركىستان دەۋاسىغا تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ دەپ قاراش خاتا بولىدۇ. خاتا چۈشىنىۋېلىش خاتا يولغا ئېلىپ بارىدۇ. خاتا چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن خاتا نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ تۈلەيدىغان بەدىلى بولىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق خاتا چۈشەنچىلەر، خاتا قەدەملەر سەۋەبىدىن خاتا سىياسەت ئېلىپ بېرىپ 70 يىلدىن بۇيان دەۋايىمىزدا ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمىدى. دەۋايىمىز تۇيۇق يولدا نىشانسىز، غايىسىز كېتىۋاتىدۇ. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىدىغان بىر تەشكىلات. بىز زېمىن داۋاسى قىلىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم «شەرقى تۈركىستان» ئىسمىدا بىر سىياسىي ئورگاننى بەرپا قىلىپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئورگانىك باغلىشىمىز كېرەك. بەزى دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىش ھەققىدە دىپلوماتىك ئۇسۇلدا كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولساق، بەزى دۆلەتلەر بىلەن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە سىياسىي يوللار بىلەن ئالاقە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» چىقالمايدۇ. چۈنكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى قىلىدىغان ئورگان، قالپاق كىچىك كېلىپ قالىدۇ، سىياسەتنى ئوينىغاندا چوقۇم خەلقئارانىڭ سىياسىي قائىدىسى بويىچە ئويناش كېرەك بولمىسا خەلقئارا ئۆلچەمگە چۈشمەيدۇ دېگەن ئىدى. ھەتتا غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس 4 قېتىم تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئاخىرقى يەكۈنى ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇشقا تەييار ئەمەسكەن دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىپتىكەن. بىز زادى نېمىگە تەييار؟ دەپ كۈچلۈك رىتورىك سوئاللارنى قويغاندا ھەممىمىزدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»غا بولغان بىر خىل نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەن ئىدى. ھەتتا ئەركىن ئەكرەم: «مەن ئالتە ئاي تەييارلىق قىلىپ شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشنىڭ يول خەرىتىسىنى ھازىرلاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا سۇنسام رەئىس رابىيە قادىر خانىم بۇ يول خەرىتىسىنى باستۇرۇپ قويدى» دەپ ئۆزىنىڭ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»غا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىم «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ رەئىسى بولغان مەزگىلدە يەنى 2016-يىلى گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىگە زىيارەتكە كېلىپ لېكسىيە بەرگەن. مەن شۇ چاغدا رابىيە قادىر خانىمدىن نەق مەيداندا ئەركىن ئەكرەمنىڭ «شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشنىڭ يول خەرىتىسىنى » باستۇرۇپ قويغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟- دەپ سورىغان سوئالىمغا رابىيە قادىر خانىم:«ئەركىن ئەكرەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىندا بۇ ھەقتە لېكسىيە بەردى، ئەمما “يول خەرىتىسى” ھەققىدە يازما شەكىلدە ھېچبىر دوكلات سۇنمىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمەك بۇ يەردە ئەركىن ئەكرەم بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىدە بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى بار. زادى كىمنىڭ سۆزى توغرا؟ بۇنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۆەندىكى پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. 2021-يىلى 11- ئايدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» چېخ پايتەختى پىراگادا يىغىن ئېچىشنىڭ ئالدىدا: «بۇ قېتىملىق يىغىن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىستراتېگىيەلىك يىغىن بولىدۇ، يىغىندا ۋەكىللەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسىنى قايتا مۇھاكىمە قىلىپ خەلققە ئېلان قىلىنىدۇ» دېگەن ئىدى. ئەپسۇس تا ھازىرغىچە بۇ ئاتالمىش«يول خەرىتىسى» ئېلان قىلىنمىدى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن « يول خەرىتىسى » زادى بارمۇ يوق؟ ئەگەر بولسا نېمىشقا ھازىرغىچە ئېلان قىلمايسىز؟
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە ئەركىن ئەكرەم مەخسۇس لېكسىيە بەرگىنىدە مۇنداق دېگەن :«خىتاينىڭ “بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غەرب ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىدىغان يەنە بىر پۇرسەت بىز بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساق بۇنداق پۇرسەت يەنە 100 يىلدىمۇ كەلمەسلىكى مۇمكىن، بىز ئەمدى ئۇيقۇمىزنى ئېچىپ مۇستەقىللىققا ھازىرلىق قىلمىساق، بىز ئىلگىركىلەرنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنى تىللاپ ئۇلارنى تارىخنىڭ شەرمەندە بېتىگە تىزغاندەك، بىزمۇ كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ، تىللىنىپ تارىخنىڭ شەرمەندە بېتىدىن ئورۇن ئالىمىز، مەن بۇنداق تارىخنىڭ شەرمەندە بېتىگە چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆلگىنىم ئەۋزەل » شۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان سورۇندىكى ھەممىمىز ئۆزلىرىمىزنى خۇددى گۇناھكاردەك ھېس قىلغان ئىدۇق.
خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى، دۇنياغا خوجا بولۇش چۈشى غەرب دۆلەتلىرىدە خىتايغا قارشى بىر سىياسىي ئاتموسفېرا شەكىللەندۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ تۈرلۈك قىياسلىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنىرالىمۇ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلدى. دۇنيا بىزنى كۆزەتمەكتە، بىزنى تەتقىق قىلماقتا، بىزنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكتە. دېمەك ئۇيغۇرغا يەنە بىر قېتىملىق مۇستەقىللىق شەپىسى كەلمەكتە، ئەمما بىز تەييارمۇ؟ بۇنداق پۇرسەت يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا بىر قېتىم كەلگەندە ئۆزىمىز پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدۇق. 1970-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى قوراللاندۇرۇپ خىتايغا قارشى كوزىر قىلىپ قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان، شۇنداقلا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»دا سۆز قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ خىتايغا قارشى ئاۋازلارنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى بەرگەن. ئەمما ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ يىغىندا خىتاينىڭ پايدىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زىيىنىغا سۆز قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدىنمۇ مەھرۇم قالغان ئىكەن. بىز لېدىر دەپ ئاتاپ كەلگەن بۇ ئاتالمىش خىتايپەرەس ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ خاتالىقى بىلەن بىر مىللەتنىڭ ئىستىقبالى يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل بولۇش، ھېچ بولمىسا قۇلىغا قورال ئېلىپ ھەرىكەت قىلىشتەك ئالتۇن پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇردى. بىز بۇ ئىشلارنى 50 يىلدىن كىيىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان 90 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان، شۇ ۋاقىتتىكى بۇ ئىشلارغا شاھىت ھەتتا ئامېرىكىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنغا تەرجىمان بولغان پېشقەدەم ئىنقىلابچى غۇلامىدىن پاختا ئاكىمىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى ھاياتى ھەققىدىكى «مەن شاھىت ئىشلار» دېگەن سۆھبىتىدە ناھايىتى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بۇ شەرمەندىچىلكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەتچىلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچۈك غۇلغۇلا قوزغاپ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. تارىختىن بۇيان خاتا بېسىلغان بىر قەدەم، بىر لېدىر ياكى بىر رەھبەرنىڭ خاتالىقى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە يەنە مۇشۇنداق خاتالىقلار يەنە سادىر بولمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ئەركىن ئەكرەمنىڭ « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»غا مۇئاۋىن رەئىس بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى يۇقىرىقى پەلسەپىسى ھازىرمۇ كۈچكە ئىگىمۇ؟
1. ئەگەر كۈچكە ئىگە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن دەۋا قىلىۋاتقان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دەك بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىدىن مۇستەقىللىق چىقىپ تۇرىدىغان «شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى » نامىدا ئىككى يىلدا بىر يىغىن ئېچىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
2. ئەگەر كۈچكە ئىگە بولمىسا تىزدىن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە بۇ ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان بىر سىياسىي ئورگاننى بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈر. قانداق قىلغاندا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ھېچقانداق بىر تەشكىلات ۋە شەخسكە باغلانمىغان بۇنداق بىر سىياسىي ئورگاننى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز؟
قوشۇمچە ئىزاھات:
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ ميۇنخېندا ئېچىلغان 1-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى، سىياسىيون، قازاقىستاندىن كەلگەن قەھرىمان غۇجامبەردىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي قوللاپ خىتايغا قارشى قوراللىق كۈرەش ھەرىكەت قىلىشى ھەققىدىكى ئىشلارنى سورىغىنىمدا ئۇ كىشى ناھايىتى ئېچىنغان ھالدا : «ۋاي ئۇكام بۇ ھەقىقەتەن راست بولغان ئىش، سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب نىڭ ئادەملىرى مەخپىي ھالدا تۇرسۇن دەريا، زىيا سەمىدى، يۈسۈپ بەگ مۇخلىسلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتىپ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋەتكەن. بۇنى ماڭا زىيا سەمىدى، تۇرسۇن دەريا، يۈسۈپ بەگ مۇخلىسلار ئۆز ئېغىزى بىلەن دەپ بەرگەن…» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
بۇ يىغىندا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىنمۇ بار ئىدى. مەن ئەركىن ئەكرەمگە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يۇقىرىقى ئىشلىرىغا سىز قانداق قارايسىز؟ دەپ سورىسام، بۇ ھەقتە ئايرىم بىر پاراڭلىشايلى دىدى.
مەن بۇ ھەقتە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىندىن: « دادىڭىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ” ب د ت” دا سۆزلىگەندە نېمە ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زىيىنىغا سۆزلەپ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدىغان بىر پۇرسەتنى يوق قىلغان؟ سىز بۇ ئىشقا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىسام ئۇ :« ئۇكام سىز بىلەن بۇ ھەقتە ئايرىم ئەتە پاراڭلىشايلى» دەپلا جاۋاب بەردى، ئەمما ئەتىسى ئەركىن ئالىپتېكىن يىغىندا يوق، باشقىلاردىن ئاڭلىسام مىجەزىم يوق مەن قايتاي دەپ ئاخشىمى كېتىپ قاپتۇ .
ئەيسا يۈسۈپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆزلىگەن سۈزىگە ئائىت خەۋەر مەنبەسى:
https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-11072017153442.html
ئەركىن ئەكرەمنىڭ لېكسىيەسىدىن :
https://www.youtube.com/watch?v=EYbsE0wmpHQ
2022-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى