ئەركىن ئالىپتېكىنغا ئۇچۇق خەت

ئەركىن ئالىپتېكىنغا ئۇچۇق خەت

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئامىرىكا پارلامىنىت ئەزالىرى ۋە كونگىرىس ئەزالىرى بىر قانچەيلەن بىر قانچە قېتىم تىبەتنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەتتا مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان كونگىرىس ئەزالىرى تىۋېرىدا بۇ ھەقتە يازما ئېلان قىلۋاتىدۇ.
 ھۆرمەتلىك ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سىز دادىڭىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ساقلاپ كىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى نىمىشقا ئېلان قىلمايسىز؟ دەپ سۇئال سوراپ ۋاتىسئەپتە بۇ ئامرىكىلىق كونگىرىس ئەزاسىنىڭ تىۋېتىدىكى يازمىسنىمۇ ئېۋەرتىپ قويدۇم. نىمە دەپ جاۋاب بىردىكىن قاراپ باقاي.
ئەركىن ئالىپتېكبن بىلەن بۇ مەخپى ھۆججەت ھەققىدە كۈۈشتۇم، ئەمما ئۇنداق ھۆججەت يوق دەپ تۇرۋالغانتى. دادىڭىز ئۈزىنىڭ ئەسلىمسىدە بۇ ھەقتە تەپسىلى يېزىپتىكەنغۇ؟ ئاللاھ خالىسا بىر كۈنى نەشىر قىلدۇرىمەن دەپ دىسەم قەيەردە ئوقۇدىڭىز دەيدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئەسىر شەرقى تۈركىستان دىگەن كىتابىنىڭ 500- بېتىدە دەپ ھەتتا رەسىمگە تارتىپ ئىىۋەرتىپ بەرسەم، مەن كۈرۈپ بېقىپ جاۋاب بىرەي دەپ جىمىدە تۇرۋالدى. نىمە ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئەركىن ئالىپتېكننىڭ بۇ مەخپى ھۆججەتنى ئاشكارلىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلاش ئېلىپ بارمايمىز؟ مەن ئۈزەم ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئۇيۇشتۇرسام قوللايدىغانلار قانچىلىك؟
29-042020 ھەممە ئۇيغۇر ئەركىن ئالىپتېكىنگە خەت يېزىپ خىتاينىڭ قۇۋ تۈلكىسى جاڭ جىجۇڭ نىڭ مەخپى ھۆجىتى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىگە ئائىت مەخپى ھۆججەتنى داداسى ئەيسا ئالىپتكىننىڭ نىمە ئۈچۈن ئاشكارىلماي بېسۋالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرسەك بولغۇدەك. دادىسىغۇ ئاشكارىلمىسۇن ئەمما ئەركىن ئالىپتىكىن دۆلەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيگە رەئىس بولغاندىمۇ نىمە ئۈچۈن بۇ مەخپى ھۆججەتنى ئاشكارىلمايدۇ؟ بۇ شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت. 70 يىلدىن ئارتۇق داۋا قىلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئېتىراپ قىلدۇرالمايۋاتساق، بۇنداق كۈچلۈك ھۆججەت ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى خەلىقئارادا قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلالايتۇق. بۇنىڭ بەدىلىنى كىم تۈلەيدۇ؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىمە ئۈچۈن بۇ ھۆججەتنى ئەركىن ئالىپ تېكىندىن ئېلىپ شەرقى تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك دەلىل سۈپتىدە قوللانمايدۇ؟؟؟ بۇنىڭغا كىم جاۋابكار؟؟؟؟
                                           
ئامېرىكا كونگىرەس ئەزاسى سىكوت پەرىينىڭ 1-ئىيۇلدا يازغىنى:
“قانخور خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەتنى قانۇنسىز ئىشغال قىلغىنىغا 70 يىلدىن ئاشتى، ئامېرىكىنىڭ بۇ توغرىلىق ھەركەت قوللىنىدىغان ۋاقتى ئاللىقاچان كېلىپ بولدى. شۇڭا بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ پرىزدېنت بايدىننى تىبەتنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمنى پەخىرلىنىپ جاكارلايمەن”.
Yezilghan waqti : 01-07-2021