ئابدۇرېھىم غېنى ئۈلۈم تەھدىتى سەۋەبلىك ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلدى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

تۈنۈگۈن يەنى 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى  گوللاندىيە ساقچى ئىدارىسىغا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ گوللاندىيەدىكى خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىنىڭ قوللىغۇچىللىرىنىڭ ماڭا قىلغان ئۈلۈم تەھدىتلىرى ھەققىدە مەخسۇس دىلو مەلۇم قىلدىم.  بۇ مىنىڭ تۈنجى قېتىم دىلو مەلۇم قىلىشىم ئەمەس، ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم  دىلو مەلۇم قىلغان. پات ئارىدا ساقچى ئىدارىسى يەنە بۇ ئەنزىنى ئېنىقلاش ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىغانلىقىنى بىلدۈردى.  خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ماڭا قىلغان تەھدىتلىرى مىنىڭ خىتاي  تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەركىتىمنى ھەرگىز توختۇتالمايدۇ، بەلكى قارشىلىق ئىرادەمنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

گوللاندىيەنىڭ تەھدىتكە ئۇچۇرغانلارغا قارىتا ياردەم بىردىغان ئورۇن دەرھال ماڭا ئېلىخەت يوللاپتۇ. ئىلىخەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ساقچىلار بىزگە سىزگە بىرەر يامان ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق! بىز سىزگە ياردەمدە بولغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز. شۇڭا مەن ياكى خىزمەتداشلىرىم بىر نەچچە كۈن ئىچىدە سىزگە تېلېفون قىلىدۇ. ئەھۋالىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايمىز.

بىز سىزگە نېمە قىلالايمىز؟
بىز جىنايى ئىشلار ياكى ھادىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىمىز. ھېسسىيات جەھەتتە قوللاش ، جىنايى ئىشلار جەريانىدا ياردەم بېرىش ۋە زىيىنىڭىزنى تۆلەشنى قوللاش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. بىزنىڭ ياردىمىمىز ھەقسىز. بىز ياردەم قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ چىقىمىز.
گوللاندىيە دۆلىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا تەسىر قىلغان كۈڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالىرىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ پۇقرالىرىنىڭ خاتىرجەم ياششى ئۈچۈن ياردەم قىلدىغان بۇ ئىنسان پەرۋەرلىك مۇلازىمتى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

گوللاندىيە دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرoىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۈچۈن قىلغان بۇ سەمىمىي مۇلازىمتى ئۈچۈن چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئ‍ېيتىمەن.

يېزىلغان ۋاقتى: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى