ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدىكى نامايىشىمنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدىكى نامايىشىمنى زىيارەت قىلدى

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

 

ئىككى يىل ئىلگىرى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ  23-كۈندىن باشلانغان ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى  ئۇيغۇر،قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىڭ قىرغىنچىلقىغا قارشى ھەپتە ئاخىرلىردىكى  يالغۇز كىشلىك نامايىشىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن  ئامىستېردامغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتنى تارتىپ كەلمەكتە. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر دەلىل-ئىسپاتلىق خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن پىلاكاتلىرىمنى كۆرگەندىن كىيىن ئۈزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھىسدشلىقىنى بىلدۈردى

 بۈگۈن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى كورۇنا ۋېروسى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل توختۇتۇشقا مەجبۇر بولغان نامايىشىمنى قايتىدىن باشلىغىلى ئۈچ ھەپتە بولغان كۈن ئىدى. ئامىستېردام دام مەيدانىدا ساياھەتچىلەر ئارسىدا تۇيۇقسىز ئامرىكىنىڭ گوللاندىيەدىكى باش كونسۇلى پېتې ھۇكسىتىرات ئەپەندىمنىڭ ئايالى بىلەن تەشۋىقاتىمنىڭ يېنىدا پەيدا بۇلۇشى مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى ۋە خوش قىلدى. مەن تۇنۇشلۇق بىرىپ ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بولغۇچە، مىنىڭ نامايىشىمنى قوللاپ ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئاڭلىتىپ ياردەمدە بۇلۋاتقان  ئامرىكىلىق ئەر ئايال  باش كونسۇلغا مىنىڭ نامايىشىم ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەشۋىقات لاھىيەمدىكى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئۇلارغا چۈشەندۈرگەن، مېنىڭ ئۈچ يىلنىڭ ياقى ئىزدىرىكىنى قىلالمىغان ئاتا-ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىمنىڭ رەسمىنى كىيىم شەكىلدە لاھىيلەپ كىيۋالغان كىيمىنى كۆرسۈتۈپ تۇۇرۇپ مېنى باش كونسۇلغا تۇنۇشتۇردى. مەن باش كونسۇل پېتې ھۇكسىتىرا بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ ئۈزەمنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنىڭ ياقى ھەر ھەپتە ئاخىردا ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشىم ھەققىدە قىسىقچە چۈشەنچە بەردىم. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئاتا-ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىم بۇلۇپ جەمئىي 17 ئادەم بىلەن بولغان بارلىق ئالاقەمنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئۇچامغا كىيۋالغان كىيىم شەكىللىك تەشۋىقاتىم ئارقىلىق تەپسىلى چۈشەندۈردىم. ھازىرغىچە خەۋەر ئالالمىدىڭىزم –دەپ سورىدى باش كونسۇل پېتې ھۇكسىترا ئەپەندىم مەندىن. شۇنداق، مەن گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگە دىپلۇماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىزدىركىنى قىلىپ بىرىشنى ئۈتۈنۈپ خەت يازدىم. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى خىتاي ھۈكۈمۈتىنىڭ گوللاندىيەدىكى باش كونسۇلى بىلەن ئالاقىلاشتى، خىتاي كونسۇلى مىنىڭ ئاتا-ئانام ۋە  ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلارنى خىتايچە يېزىپ ئىۋەرتىپ بىرىشىمنى تەلەپ قىىلدى. مەن گوللاندىيە تاشقى ئىشلار ھۈكۈمىتى ئارقىلىق ئۇلار تەلەپ قىلغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىۋەرتىپ بەردىم. ئەمما خىتاي ھۈكۈمىتى ھازىرغىچە بارلىق مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ جاۋا بەرمىدى بۇ ھەقتە قۇلۇمدا دەلىل-ئىسپات بارلىقىنىمۇ دىدىم. ۋە يېنىمدا تۇرغان مېنىڭ قوللىغۇچىللىرىمدىن بۈگۈنكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلىغان يېقىندا شەرقى تۈركىستانغا  زىيارەتكە بېرىپ قايتىپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە  كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ساياھەتچىلەرگە سۆزلەپ بىرىۋاتقان گوللاندىيەلىك يۇل گۈگلەرنى باش ئەلچىگە تۇنۇشتۇردۇم.  ئۇ باش ئەلچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئۈزنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەندە كۆرگەنلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈردى. قىسىقچە سۆھبەتتىن كىيىن باش ئەلچى پېتې ھۇكسىتىرا مەن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ۋە ئۈزىنىڭ ئىسىم كارتىسنى بىرىپ بىز بىلەن خوشلاشتى.