ئامىستېردام دام مەيدانىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
مىللىي بايراملىرىنى خاتىرلىمەيدىغان مىللەت تارىخ ئېڭى يۇقالغان مىللەت.
خاتىرلىگۈدەك مىللىي بايراملىرى، مىللىي قەھىرمانلىرى تۇرۇپ خاتىرلىمگەن مىللەت نادان مىللەت. بۇنداق مىللەت تارىخ سەھنىسدىن سۈپۈرلۈپ تاشلىىنىدۇ
خاتېرەمدىن
11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ يېقىنى زامان تارىخىدا ئىككى قېتىم يەنى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12 كۈنى غۇلجىدا قۇرغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ھەريىلى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەرخىل شەكىللەردە پائالىيەت قىلىپ بۇ قۇتلۇق كۇننى خاتىرلەيدۇ. 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئىزچىل يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلغاندىن بۇيان ھەريىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈندىكى<< شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت >> كۈننى دام مەيدانىدا خاتىرلەش پائالىيتى ئېلىپ بېرىشنى ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇم ۋە مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىش دەپ كەلدىم.
بۇ يىل 11-ئاينىڭ 13-كۈنى شەنبە كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا 3- قېتىم شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇردۇم. بۇ خاتىرلەش پائالىيەتكە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى سۈرگۈندىكى ھۈكۈمىتى ياۋرۇپا ئىشلىرى ۋەكىلى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىممۇ بىلگىيەدىن كىلىپ قاتناشتى. خاتىرلەش پائالىيتى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:00 دە شەرقى
تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى. مەن ئۇيغۇرچە، گوللاندىچە تەبرىكلەش سۈزى ئوقۇدۇم. ئەقىدە ئىنگىلىزچىسنى ئوقۇدى. ئارقىدىن مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم سۆز قىلىپ <<قايتا تەكرارلانمايدۇ>> دىگەن بۇ قەتلامنىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلار دۈچ كىلۋاتقانلىقىنى نۆۋەتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ تىراگىدىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئەتىسى بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش دۇنيانىڭ دەرھال خىتايغا قارشى ئەملىي ھەركەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاخىردا ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام غېنى بۇ كۇن مۇناسىۋتى بىلەن سۆز قىلدى. ئەڭ ئاخىردا خىتايغا قارشى جاراڭلىق شۇئارلار بىلەن نامايىش پائالىيتى ئېلىپ بېرلىدى.
يېزىلغان ۋاقتى : 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى