بۈگۈن 2022 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى (شەنبە)، تاجاۋۇزچى، تېرورىست خىتاي كوممۇنىست ھاكىميىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقى. بۇ كۈن خىتاي ئىشخالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە، خاڭكۇڭ خەلقى ئۈچۈن قاباھەتلىك بىر كۈن. شۇڭا گوللاندىيەدە شەرقى تۈركىستانلىقلار، تىبەتكلەر،، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر، خوڭكۇڭلۇقلار، چەتئەلدىكى خىتاي دىمكۇراتچىللىرى، كىشلىك ھۇقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتى، فالۈنگۇڭچى ۋە خىتاي خىرىستىيان جەمىيتى بىرلىكتە ئامىستېردام دام مەيدانىدا خىتاي كوممۇنىست تېررورچى ھاكىمىيىتىگە قارشى دۇنيا خارەكتېرلىك ئېلىپ بېرىلغان << يەرشارى ھەركەت كۈنى: خىتايغا تىرجەش >> ناملىق زور كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ باردى.

شەرقى تۈركىستانلىقلارغا 20 مىنۇت سۆز قىلىش پۇرسىتى بىرىلگەن بۇلۇپ، بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر ئاۋال شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارشىنى قۇيۇپ بەردى، ئارقىدىن ئۈزىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىميىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغان 19 ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى دەلىل- پاكىتلىرى بىلەن گوللاندى تىلدا ئاڭلىتىپ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
