ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تىرورلۇق سىياسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا قاتتىق ئىجىرا قىلىنىپ ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە قاماپ قويغىلى 100 كۈندىن ئاشقاندا ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ 44 ئۇيغۇر كۈيۈپ كەتتى.

ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بىنادىن قېچىپ چىقالماي ئۆلۈپ كىتىشىگە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان قامال قىلىىش سىياسىتى نەتىنجىسدىكى ئوت كەتكەن بىنادىكى جىددىي ئەھۋالدا قېچىپ چىقىش ئىشىكلىرىنىڭ ھەممىسى قۇلۇپلىۋىتىلشى، ھەتتا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىمۇ بىنا ئالدىدىكى يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرى سۈپىتىدە ئورنىتىلغان تۆمۈر رىشاتكىلارنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلى، ئوت كەتكەن نۇقتىغا يېقىن بارالماي ئوتنى ۋاقتىدا ئۈچۈرەلمەسلىكى سەۋەب بولدى.

دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار، خىتايلار 24-نويابىردىكى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ۋە ماتەم مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ رەھىمسىز سىياسەتلىرى سەۋەبلىك يۈزبەرگەن بۇ پاجىئەدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ دۇنيا خارەكتېرلىك مۇراسىم پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ تەزىيە مۇراسىملىرىدىن بىر 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ سائەت 18:00 دە ئامىستېردام دام مايدانىدا گوللاندىيەدىكى خىتاي پائالىيەتچىلەر تەرپىدىن ئۆتكۈزۈلدى. مەنمۇ بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى نامىدىن بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم.

تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيتىگە كەلگەن ئادەملەرمۇ بەك كۆپ ئىدى. مەن ئۈزەم لاھىيلەتكەن ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى يەرگە چىرايلىق تىزىلغان گۈللەر بىلەن كۈيۈپ تۇرغان شاملارنىڭ ئارسىغا قۇيۇپ قويدۇم. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار توختىماي ۋېدىيوغا ۋە رەسىمگە ئېلىۋاتاتتى. بىز ئۇيغۇرلار ئادەم توپىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ شەرقى تۈركىستان دۆلەت بايرىقى ۋە بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىگە ئائىت رەسىملەرنى قوللىرىمىزدا تۇتۇپ تۇردۇق. بىر ئۇيغۇر بۇ كۈرنىشلەرنى فەيىسبوكتا نەق مەيدان تارقاتقاچ ئىنگىلىزتىلدا چۈشەندۈرۈپ بۈگۈن بىز دام مەيدانىدا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 44 جاننى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگىنىگە قارشى نارازىلىقىمىزنى ۋە ھەسرىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ) دەپ تۇرشۇمغلا، يېنىغا بىر خىتاي ئايال كىلىپ سەن ھۈكۈمىتىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭ دىدى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەگەر گىپىمنى ياقتۇرمىغان بولساڭ ، بۇيەردىن ھازىرلام كەتسەڭ بۇلىدۇ دىدى.
ئۇ خىتاي ئۇنىڭغا يەنە سەن خىتتايمۇ ؟ دەپ سورىدى . ئۇ ياق مەن خىتتاي ئەمەس، مەن ئۈچۈن خىتتاي بولۇش بىر نومۇس ئىش دەپ جاۋاپ بەردى.
ئىسپات: نەق مەيدان قىلغان ۋىدىو دا دىيىشكەن گەپلىرنىڭ ھەممىسى ئېنىق بار.
ئۇ نەق مەيدان تارقىتىشنى تارقتىپ بۇلۇپ قولىغا رەسىمنى ئېلىپ ئالدىدا تۇردۇم
تۇيۇقسىز ئىككى خىتاي قىستىلىپ كىرىپ ، قارشى تەرەپتىكى خىتتايلارغا قولدىكى ئالددىن تەيييارلاپ كەلگەن پىلاكاتنى ئىگىز كۆتۈرۈپ( بۇ ئۇيغۇرلارغا ائىشەنمەڭلار ! بۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى !) دەپ خىتاي تىلىدا دىدى.
بىز ئاڭلىماسلىققا سېلىۋېلىپ جىم تۇردۇق. چۈنكى 300گە يېقىن خىتتاينىڭ مىدىيا كۈچى بەك زور، بۇ خەق پۇتۈن خىتتايدىكى ھەممە سۇپىغا تارقىتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلار بىلىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ دىگەن خىيالنى قىلىپ ئاچچىقىمىزنى ئاران بېسىپ تۇردۇق.
لىكىن ئۇ خىتتاي توختىمىدى، نەق مەيدان ۋېدىيوغا ئالغان ئۇيغۇرنىڭ شارپىسدىن تارتىپ، سەن دىگەن تىرورچى ، ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ! دەپ ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىپ تىللىدى ! بىز ئۇنىڭغا قاراپ ئابايامنىڭ ياقى گەپ قىلمىسام نىمانداق ئىتتەك قاۋاۋىرىسەن ؟ شەرقنىڭ كىسەل كۆرپىسى، كومۇنىست خىتتاينىڭ ئىتى. نىمە دەيسە ! دەپ خىتتايچە تىللىدۇق. بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلىغان خىتايلار بىزنى ئۇرىدىغانغا يوپۇرلۇپ كەلدى. مەن دەرھال نەق مەيدانى تارقىتىشقا باشلىدىم ۋە بۇ خىتايلارنى گەپ ئارقىلىق قايىل قىلىش ئۈچۈن سەن ئۇيغۇرغا ھىسداشلىق قىلماقچى بولساڭ نىمە ئۈ چۈن نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر جازا لاگىرىدا ئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەندە ئۇيغۇرغا ھىسداشلىق قىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى دۇنيا خارەكتېرلىك پائالىيەت ئېلىپ بارمىدىڭلار؟ سەن ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئېتىراپ قىل دەپ بۇ خىتايلارغا خىتاب قىلدىم. بۇ ۋاقىتتا دام مەيدانىدا ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ھىسداشلىق قىلدىغان خىتايلار بىلەن ساختا ھىسداشلىق قىلدىغان خىتايلار ئىككى گۇرۇپىغا بۈلۈنۈپ كەتتى.

بىرئازدىن كىيىن ساقچىلار كەلدى، يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىلار پۇتۈن ئەھۋالنى كۆردى ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپلام بىزنى ھاقارەتلەپ جىدەل چىقارغان خىتاينى قوغلاپ كەتتى. (نەق مەيدان قىلغان ۋىدىودا بار)
پائالىيەت تۈگكەندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلارنى تىۋېتىرغا چىقاردىم. بەزى خىتايلار بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى تىۋېتىرغا چىقىرىپ بىزگە ھىسداشلىق قىلدىغانلىقىنى ئىپادىلسە يەنە بەزىبىر خىتايلار تىۋېتىردا بىزنى بەك سەت گەپ بىلەن تىللاپ كەتتى.يۈز بەرگەن بۇ كۈڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبىدىن بەزى بىر خىتايلار بىز ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراپ تىۋېتىردا خەت يېزىپتۇ. ئۇلارنىڭ يازغان خېتى ئىسپاتى بار.
ئەتىسى ئەتگەندە ئامىستېردام ساقچى ئىدارىسدىن ماڭا تېلفۇن قىلپ ئەھۋال سوراپ ،تۈنۈگۈن كەچتە ئامىستېردام دام مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللىدى. ھەم بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ۋېدىيولارنى ئۇلارغا ئىۋەرتىپ بەردىم. ھەم بۇ ھەقتە مەخسۇس ساقچىخانا خادىمى بىلەن يۈز تۇرانە كۈرشۈپ دەلىل-ئىسپات بىلەن مەخسۇس دوكلات قىلدىغان بولدۇم، شۇنداقلا ئامىستېردام دام مەيدانىدا نامايىش قىلغان ۋاقىتلىرىمدا مىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە قوغدىشىنى تەلەپ قىلدىم.
بۈگۈن يەنى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ساقچى ئىدارىسدىن بىر ساقچى ماڭا تېلفۇن قىلىپ ئالدىمىزدىكى ھەپتە مەن بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدىغانلىقىنى ۋە يۇقارقى ئىشلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەڭ ئەپسۇسلىندىغان ئىش- خىتاي قەستەن تېرىغان جىدەل ھەققىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىزنى تەنقىد قىلىپ خىتاينىڭ قىلغان ئىشىنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ يازغان يازمىسدىن كىيىن تور دۇنياسىدا بىزنى كۈچلۈك تەنقىدلەپ خىتايغا ھىسداشلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ بىزگە زەھەرخەندىلەرچە ھاقارەتلىگەن ئۇيغۇرلارغا ھەيران قالدىم. بۇلارغا خىتايلارنىڭ بىزدىن كەچۈرۈم سوراپ يازغان خېتىنى كۆرسىتىپ بۇنىڭغا نىمە دەيسىلەن؟ بەزى خىتايلار بىزدىن كەچۈرۈم سوردى، ئەپسۇس سىلەر بىز تەرەپتە تۇرۇپ ھىسداشلىق قىلماي بەلكى ئۇيغۇرغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ بىزنى ھاقارەتلىگەن بىرقىسىم خىتايلار بىلەن مەيدانىڭلارنى بىر قىلدىڭلار. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسەڭلار دەپ فەيىسبوكتا سۇئال قويسام بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ھازىرغىچە جاۋاب يوق.








ئامىستېردامدىكى جىدەل-ماجىراغا ئائىت نەق مەيدان ۋېدىيولار بۇ ئۇلنىشتا
ئامىستېردامدىكى جىدەلنىڭ ئەسلى باشلىنشى بۇ ۋېدىيونى تېپىپ تېكىست كىرگۈزۈپ تارقاتتىم
https://twitter.com/abdurehimgheni/status/1600554315533647873?s=46&t=4oE8Rd0_4Ap8BshW8OIa6g
Facebook Link for the evening: https://m.facebook.com/story.php?story_fbid=555151166432174&id=100000313262662&mibextid=qC1gEa
Twitter link for the evening: https://twitter.com/abdurehimgheni/status/1597240665632407553?s=46&t=TmV_FBRVRMt5tcJlLnDmFA