ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۈرۈمچىدە  يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە تىرىك كۈيۈپ كەتكەن 44 ئۇيغۇرنى ياد ئىتىش ۋە خىتاي ھۈكۈمىتىگە بولغان نارازىلقىنى ئىپادىلەش شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش ھەمدە  دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇشقا چاقىرىق قىلىش مەقسىتىدە كەڭ كۈلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىملق نامايىش ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، كانتونىيەلىك پائالىيەتچى ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتيىسىگە قارشى ئىتىپاقنىڭ ئەزاسىمۇ قاتناشتى. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى باشلىنىش سۆزى قىلىپ بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەن 44 ئۇيغۇرنىڭ ئۈلۈپ كىتىشگە خىتاي ھۈكۈمىتى سەۋەبچى ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى: << بىز بۈگۈن ئامىستېردام دام مەيدانىدا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، مەجبۇرى ئاچارچىلىق ۋە بىئولوگىيەلىك تىرورلۇققا قارشى نامايىش قىلىۋاتىمىز. ئىرقى قىرغىنچىلىق تېخىمۇ ۋەھشى ئۇسۇللاردا داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ نۆل كوۋىد سىياسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا قاتتىق قامال قىلىش تىرورلۇق ھەركىتى 4 ئايدىن ئاشتى. 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇندىكى بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. بىنا پىچەتلەنگەن، ئىشىكلەر سىرتىدىن قۇلۇپلانغان بىنا ئەتراپى قورشاۋدا بۇلۇپ كىشلەرنىڭ بىناغا كىرىپ چىقىشمۇ چەكلەنگەن ھەتتا ئوت ئۈچۈرۈش ئەسلىھەلىرىمۇ پىچەتلەنگەن بۇلۇپ ئوت كونترولدىن چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ ئوت ئۈچۈرۈش خادىممۇ ۋاقتىدا يىتىپ كىلىپ ئوت ئۈچۈرۈش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلماي ىپەرۋاسىزلىق قىلدى. نەتنقىدە 44 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئوتتا كۈيۈپ ئۈلۈپ كەتتى. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن قېچىپ، مەسئۇلىيەتنى ئوتتا كۈيۈپ كەتكەن بىگۇناھ خەلىققە ئارتتى.

بۇ نۆل كوۋىد سىياسىتى بۇلماستىن بەلكى خەلىقنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ھەركىتىدۇ. بۇ قىرغىنچىلىق بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، خىتاي ھۈكۈمىتى كىيىنكى قېتىمدا كىمنى نىشانغا ئالىدۇ؟ كىيىنكى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى كىمۇ؟ دۇنيا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلقىغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەن 44 ئۇيغۇر ۋە باشقا يارلانغانلار ئۈچۈن خىتاي ھۈكۈمىتى چۇقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلشى كېرەك.

نامايىش ئۈچ سائەت ئەتراپىدا ناھايتى جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خىتاي سىياسىي ئاكتىۋېستلار سۆز قىلدى. ئاياللار دام مەيدانىغا شام يېقىپ،گۈل تىزىپ ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەنلەرگە چۇڭقۇر ھىسداشلىقىنى ئىپادىلدى. ئاندىن قوللىرىغا بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەنلەرنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ دام مەيداننى ئايلىنىپ مېڭىپ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاندىن خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتىگە قارشى شۇئار توۋلىدى.ھەرخىل تىللاردا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىن ئايرىلغان ئۇيغيرلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى ئاڭلىتىلدى.

يېزىلغان ۋاقتى 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى