ئامىستېردام دام مەيدانىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى نامايىش

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى ئۇيغۇرلۇق ۋېجدانى  بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سېپىمىزگە قۇشۇلۇڭ!  خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى دۇنيا خارەكتېرلىك ھەركەتكە ئۈتەيلى

بۇلتۇر 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلدىغان << ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ھەركىتى >> پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كىتۋېتىپ يۇقىرى سۈرەتلىك يولدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ بارلىق نامايىش ماتېرىياللرىم  يۇقاپ كەتتى. ھەم سالامەتلىك ئەھۋالىمنىڭمۇ ياخىشى بولماسلىقى سەۋەبىدن ئامىستېردام دام مەيدانىدكى  نامايىشمنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم.

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ  << نۆل كوۋىد سىياسىتى >> نىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە 40 كۈندىن بۇيان قاتتىق قامال قىلىش ھەركىتىدە يىمەك-ئىچمەك، دورا لارنىڭ ئۈزۈلۈپ قىېلشى نەتىنجىسدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ- زارى، ئاچلىقتىن ئۈلۈپ كىتۋاتقانلىقىنى، بىنادىن ئۈزىنى تاشلىۋېلشى ھەققىدىكى سىنلارنىڭ تارقىلشى  دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنى تېخخمۇ ساراسىمگە سالماقتا. دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا قارىتا بىر خىل ئۈمىتسىزلىك ئەۋج ئالماقتا. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىمنكانىيتىمنىڭ يىتىشچە قىلالايدىغان ئىشىم يەنىلا ئۈزەمنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچۇمنى ئادا قىلىشتا يەنىلا قىلالايدىغان ئىشىم نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئامىستېردامغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشنى يەنىلا ئۈزەمگە مەجبۇرىيەت دەپ بىلىپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا 9-ئاينىڭ 11-كۈندىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى نامايىش ئورۇنلاشتۇرشنى بىر قانچە دوستلار بىلەن مەسلىھەتلەشتىم. دەرھاللا ئۈزۈنلىقى 7 مېتىردىن، كەڭلىكى 1،30 سانتىمېتىرلىق  ئۈچ دانە ئەڭ يېڭى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلقىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن لوزىنكا ھازىرلىدىم.

ۋەتەندە خەلقىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ خىتاي ۋىروسى سەۋەبلىك سۈنئى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىقتا ئۇيغۇر خەلقىمىز ئاچارچىلىقنىڭ دەردىدە ئۈلۈپ كىتىۋاتىدۇ. بىز ۋەتەندە بولغان بولساق، بىزمۇ ئاچارچىلىقتا ئۈلۈپ كىتەتتۇق ياكى جازا لاگىردا ئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى كۈرەتتۇق. ئاللاھ بىزنى ئەركىن دۇنياغا چىقىشقا نىسىپ قىلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىدىن ساقلاپ قالدى. بىز ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانى بۇرچىمىزنى ۋە ئىمانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى. ھەر بىر ئۇيغۇر ھەي خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى مەنلا ھايات بولسام ئۇيغۇر مىللىتىنى مەڭگۈ يۇق قىلالمايسەن! مەنلا بولسام ئۇيغۇر مىللىتى قەد كۈتۈرۈپ سىنىڭ مۇستەملىكىڭدىن قۇتۇلۇپ ئۈزىمىزنىڭ ئەركىن دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز. مەنلا ھايات بولسام بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق قىساسىنى چۇقۇم ئالىمەن! دىگەن ئىرادىدە ياشايلى. بىز چۇقۇم غەلبە قىلىمىز. قەتئى ئۈمۈتسىزلەنمەيلى. روھىمىزنى سۇنمىسۇن. ۋەتەندىكىلەرنى قۇتقۇزۇش بىزگە يۈكلەنگەن مەسۇلىيەت. بىز دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تاجاۋۇزچىنى قۇرقۇتقان قەھىرىمان ئۇيغۇر مىللىتى. چۈنكى بىزنىڭ قېنىمىزدا ئېقۋاتقىنى تارىختىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنى سەدىچىن سېپىلى سۇقۇپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان قەھىرىمان، قورۇقماس خەلقىمىزنىڭ قېنى. قېنى ئەزمەتلەر دۇنيا خارەكتېرلىك ئۇيغۇرلانى تاجاۋۇزچى خىتايلارغا قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەر قىلايلى. بۇ ۋېدىيونى كەڭ تارقىتىپ قۇيۇڭ. ھەممە ئۇيغۇر كۆرسۇن. ئىنقىلابقا ئاتلانسۇن. بىز ھەركەتكە ئۈتەيلى.

يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى