ئامستېردام دام مەيداندا چەتئەلىكلەر ئۈچۈن ئېچىلغان سىياسى تەربىيلەش كۇرسى

ئامستېردام دام مەيداندا چەتئەلىكلەر ئۈچۈن ئېچىلغان سىياسى تەربىيلەش كۇرسى
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ھەممىڭلار كۈرۈپ تۇرۋاتقاندەك بىر ئايدىن كۆپرەك بولدى ئامستېردام دام مەيدانىدا خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرۋاتقان قىرغىنچىلقىغا ئائىت ھەرقايسى تىللاردا ئېلان قىلىنغان داڭلىق گېزىتلاردىن ئۆرنەكلەر ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بىرلەشتۈرگەن ھالدا شەرقى تۈركىستانىنىڭ ئىسمىي چۈشۈرۈلگەن ئەنگىليەدە نەشىر قىلىنغان خەرىتە بىلەن خىتاي خەرىتىسى بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرما شەكىللىك كۆرگەزمە شەكىللىك نامايىش ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە ئىزچىل ئېلىپ بېرلىۋاتدۇ. كۆرگەزمىگە قۇيۇلغان خەرىتە ۋە رەسىملەردام مەيدانىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ شەرقى تۈركىستاندا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلپىدىن چىققان رەزىل زۇلۇملىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تەشۋىق ۋاراقلىرىنى زىيارەتكە كەلگەنلەرگە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بۇلشىغا ئاساس سالدىم ھەم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزنىڭ تىلدا ئەڭ قىسقا شەكىلدەئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بىرىشكە ۋە بۇنى ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاستىللىرىدا تارقىتىدىغانلىقىمنى ئېيتىم رازىلقىنى ئالغاندىن كىيىن تورلارغا يوللىدىم. شۇڭا ماڭا سۆزلەپ بىرۋاتقانلار مانداقلا ھاياجان بىلەن سۆزلىگەنلەر بولماستىن بەلكى قىسقا كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر.😅😅😅. تۈۋەندىكى رەسىم كۇرسىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى تەشۋىقات قەغىزىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئوقۇماقتا.
بۇ ھەقتە كىيىنرەك ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا تەپسىلى بىر ماقالە يازمەن.
Yeailghan wakqi : 24-07-2018