ئاق ساراينىڭ ئالدىدىكى جازا لاگېرى شاھىتلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە بىر نەزەر

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئۈزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقار تېنىڭنى- ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىدا نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئەنە شۇ خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن: زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر ۋە جازا لاگېرىغا قامالغان دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان دىليار سەيپىدىن قاتارلىقلار ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ ئالدىدا 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى  ئەتگەن سائەت 10:00  دىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 20:30 غىچە  جەمئىي 60 سائەتكە يېقىن ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلاپ دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قارشىلىق ھەرىكىتىدە يېڭىچە بىر سەھىپە ئاچتى.

 

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جازا لاگېرى شاھىتلىرى بىرلىكتە ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم ۋە دىليار سەيپىدىن قاتارلىقلارنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلىپ تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

جازا لاگېرى شاھىتلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت 

سوئال:نېمە مەقسەت بىلەن ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدىڭلار؟

ئۇلار بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « بىزنىڭ بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزنىڭ مەقسىتى، ۋەتەندە خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى جازا لاگېرىغا قاماپ ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرمەكتە، بىز ئەنە شۇ ئۆلۈم لاگېردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھايات قېلىپ چەتئەلگە چىققانلار. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى «نۆل ۋىرۇس سىياسىتى» نى شەرقى تۈركىستاندا ئەڭ ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە قاماپ قويغىلى 40 كۈندىن ئېشىپ كېتىپ نۇرغۇنلىغان خەلقىمىزنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنى دوۋيىندا تارقىلىۋاتقان ۋېدىئولاردىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز نەچچە يىلنىڭ ياقى كۈتكەن، خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن  بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىمۇ ئېلان قىلىندى. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر تەدبىر قوللانمىدى. شۇڭا بىز ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى، مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمىغان خەلقىمىزنىڭ ئاۋاز بولۇپ ئاچلىق ئېلان قىلىپ بۇ يەرگە كەلدۇق. بىز ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزنى ئاق سارايدىن بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چىقىپ  مەقسىتىمىزنى ئاڭلاپ، بىزگە بىر جاۋاب بەرمىگۈچە توختاتمايمىز، ئۆلسەكمۇ مۇشۇ يەردە ئۆلىمىز. بىز نېمە كۆرسەك مۇشۇ يەردە كۈرىمىز دەپ قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ بۇ ھەرىكەتنى باشلىدۇق.


سوئال: ئاشلىق ئېلان قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىڭلارنى ۋە دۇچ كەلگەن  قىيىنچىلىقلارنى سۆزلەپ بەرسەڭ

 بۇ جەرياندا، ئاچلىقتىن باشقا ئۇيقۇسىزلىق بىزنى بەك بىئارام قىلدى. بىز كېچىسى ئارام ئېلىش ئۈچۈن بىر چېدىر تىكىپ بۇ چېدىرنىڭ ئىچىدە يېتىپ پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق، ئەمما چېدىر تىكىشكە يول قويمىدى. ھەممە يەر ئوچۇقچىلىق يەردە يېتىپ قوپتۇق. يولدىن ئۆتكەن ھاراقكەشلەرنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى، يوغان-يوغان چاشقانلارنىڭ ئەتراپىمىزدا ھەرىكەت قىلشى ئارامىمىزنى بۇزۇپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدۇق. شۇڭا ئۇيقۇ بىزنى ئاچلىقتىن بەكرەك قىينىدى. ئۇيقىسىزلىقتا ياشلىرىمىز ئاغرىپ، كۆڭلىمىز ئېلىشىپ دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بەردى.  بىر-بىرىمىزنىڭ مۈرىسىگە ياشلىرىمىزنى قويۇپ كۆزىمىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقاردۇق.  بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرىدا كۆرگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارنى ئويلىساقلا بۇنداق ئۇيقۇسىزلىق، ئاچلىق بىزگە نىسبەتەن ھېچنېمە ئەمەس. جازا لاگېرى شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئاچلىق ئېلان قىلىش جەريانىدا ئىككى قېتىم ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ ئەممە بۇ ھەرىكەتنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇردى. بۇ جەرياندا دوختۇرلار كېلىپ قەرەللىك تەكشۈرۈپ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەمدە بولدى. بۇ دوختۇرلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.



سوئال: ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان سىلەرنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلغانلار ۋە ياكى ئەھۋال سوراپ كەلگەنلەر بولدىم

 ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزنىڭ 2-كۈنىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇرۇنقى رەئىسى 76 ياشلىق رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا، سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۆمەر قانات تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ يوقلاپ تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلار تېلېفون قىلىپ ئەھۋالىمىزنى سوراپ تۇردى. بىزگە مەدەت بەردى. قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىرەر نەتىجىسى چىقىشنى تىلەپ دۇئا قىلدى.


سوئال: سىلەر جازا لاگىرى شاھىدى بۇلۇش سۈپتىڭلار بىلەن دۇنياغا نېمە دېمەكچى؟ 

بىزنىڭ دۇنياغا دەيدىغىنىمىز ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق بولغىلى تۆت يىلدىن ئاشتى. جازا لاگېرىنى قۇرۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئەمدى ئاچارچىلىقنى باھانە قىلىپ جازا لاگېرىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلارنى ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. ئەگەر دۇنيادا ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىك مەۋجۇت بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان، يەنى  21-ئەسىردىكى “قايتا يۈز بەرمەيدۇ”  دېگەن بۇ  قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە  بېسىم ئىشلەتسۇن، جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتسۇن. ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەسىدىن دۇنيا ئىبرەت ئالسۇن. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ ئەتىسى بولۇپ قېلىشتىن دۇنيانى ئاگاھلاندۇرىمىز.


سوئال: ئاق سارايدىن كىملەر چىقىپ سىلەر بىلەن كۆرۈشتى؟ ئۇلار سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار ھەققىدە نېمە دېدى؟

ئاق ساراينىڭ ئالدىدىكى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفىر سىمىس ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېللىي كۇررىي خانىم ئالاھىدە كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ بىزنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىمىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇنىڭدىن بەك خوش بولدۇق. كىرستۇفېر سىمىس ئەپەندىم يەنە سۆزىدە مۇنداق دېدى :” بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە  قارارنامە سۇنىمىز.ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ بۈگۈن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ھەتتا خىتايغا قاراتقان تەدبىرلىرى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مىچىل باچىلىت ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز، شۇنداقلا شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى رەزىل دىكتاتور ھاكىمىيەت ھەققىدە ھەقىقەتنى سۆزلىشىمىز كېرەك، بىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشىمىز ” دېدى. بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ خوش بولدۇق. ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزدە بىز يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يەتتۇق. ھاردۇقىمىز چىققاندەك بولدى.


سۇئال: سىلەر جازا لاگىرى شاھىدى بۇلۇش سۈپتىڭلار بىلەن دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچى؟

 دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلار، ۋەتەندە تۆكۈلگەن قاننىڭ بەدىلىگە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ۋەتەنداشلىق ئالغانلار. ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتەيدىغان ۋىجدانى بۇرچى بولىدۇ. شۇڭا دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارمۇ  ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆمەك تەشكىللەپ شەرقى تۈركىستانغا تەكشۈرۈشكە بېرىشقا چاقىرىق قىلىشقا چاقىرىمىز


ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم بىلەن بولغان سۆھبەت

سوئال: سىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە تۇلۇق قاتناشتىڭىز. بۇ ھەقتىكى تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

 مەن ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈزۈمنى خەلقىمگە باشلىق ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى بىر ئەسكەر ئورنىدا كۈرىمەن. شۇڭا ئۈزۈم بۇ ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە باشلامچى بولۇپ بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە تۇلۇق قاتنىشىپ ئۈزۈمنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم. بىز ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان كۈنى دوختۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 5 كۈننى پىلانلىغان ئىدۇق. جازا لاگېرى شاھىتلىرى بىز خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارنى كۆرۈپ بۇ ئۆلۈم لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقتۇق. شۇڭا بىز بەش كۈن ئەمەس قاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بىرەر ئادەم چىقىپ بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە جاۋاب بەرگۈچە قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز دەپ ئۆزلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى. بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغانلار 20 ئادەمدىن ئاز بولغاچقا ھەم ساقچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە تۇلۇق چۈشىدىغان ئامىللارنى تۇلۇق ھازىرلىغاچقا  مەخسۇس رۇخسەت ئالمىدۇق. ساقچىلار باشتىن -ئاخىر بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدىدى. كېچىسى ئۇخلايدىغانغا چېدىر تىكىشنى ئويلاشقان ئىدۇق، چېدىر تىكىش ئۈچۈن چوقۇم ئىككى ھەپتە بۇرۇن رۇخسەت ئېلىشىمىز كېرەك ئىكەندۇق، بىز بۇ شەرتنى ئورۇنلاشقا ۋاقتىمىز يار بەرمىگەچكە  چېدىر تىكىشكە رۇخسەت قىلمىدى. شۇڭا كېچىسى سىرتتىلا ئۇخلاشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەندە ئاچلىق دەردىدە قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازابىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بۇ قېتىملىق ھەرىكەت ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى.

سوئال: ئەلفىدار خانىم سىز بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك بولدى دەپ قارامسىز؟ 

ھەئە. ئۈنۈملۈك بولدى دەپ قارايمەن. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان كۈنى ئامىرىكا پېرىزىدىنتى جاۋ بايدەن، مۇئاۋىن پىرىزىدېنىت كامالا خارىس، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پلوسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفىېر سىمىس بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېللى كۇررىي خانىم بىزنى يوقلاپ كېلىپ بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى ئاڭلىدى. ھەم بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى قوبۇل قىلدى. ھەم بىزگە بۇ تەلەپلىرىمىزنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىغا، بىزنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ سۆھبەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىز بەش كۈن پىلانلىغان بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىز نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ۋەكىللەر بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ يولغا چىققانلىقى ھەققىدە تېلېفون تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن بولغان ئەھۋاللارنى دەپ بۇ ھەرىكىتىمىزنى توختاتقانلىقىمىزنى دېسەم، بىزنى كېلەر ھەپتە دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار  مىنىستىرلىقى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق. دېمەك بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىز غەلىبىلىك بولدى.

سوئال: سىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سالاھىيىتىڭىز بىلەن دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان قانداق سۈزىڭىز بار؟

بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزدىن ھېس قىلىشىمچە، بىز خىتايغا قارشى قارشىلىق ھەرىكىتىمىزنى ناھايتى ياخشى پىلانلاپ، مەقسەت-تەلەپلىرىمىزنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان سىياسىيونلار بىلەن ئالدىدىن ئالاقە ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن ئۇلارنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلساق،  يەتمەكچى بولغان غايىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ۋە پارلامېنت بىنالىرى ئالدىدا ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەركىتى ئېلىپ بارماقچى بولسا بىز بۇ جەھەتتە ئۇلارغا دوختۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىى بىلەن ئۈزىمىزنىڭ تەجىربىللىرىنى ئورتاقلىشىمىز.
قوشۇمچە : ئەلفىدار خانىم نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئالدىغا نامايىشقا كېتىپ بېرىش جەريانىدا ماڭا ۋاتىسئەپتىن ئاۋازلىق ئۇچۇر قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:  (يەنى 24-سېنتەبىر گوللاندىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:0 )  بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشنىڭ نەتىجىسى ھازىرلا چىقىۋاتىدۇ. ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزنى قوللاپ بىزگە ۋەدە بەرگەن جۇمھۇرىيەتچى كونگېرىسمەن كىرستوفىر سىمىس، دېموكراتىك كونگىرسمەن تام سۇۋازى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەكلىپ لايىھە چىقىرىپ بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەگەر بۇ تەكلىپ لاھىيە پارلامېنتتىن ئۆتۈپ قالسا ئامېرىكا پرېزىدېنتى قول قۇيۇپ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزنىڭ ناھايىتى تىزلا ئۈنۈمىنىڭ كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.


دىليار سەيپىدىن بىلەن سۆھبەت:

سوئال: دىليار سەيپىدىن سىز بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پىداكار ئەزاسى. سىز ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟

مېنىڭ ئىسمىم دىليار سەيپىدىن، 2014-يىلى ئوقۇش مەقسىتى بىلەن ئامېرىكىغا كەلدىم. ھازىر IT خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. 2017- يىلىدىن باشلاپ، ۋەتىنىمىزدىكى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن تۈپەيلى، ۋەتەندىكى ئاتا ئانام بىلە بولغان ئالاقەم ئۇزۇن مۇددەت ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. 2020-يىلى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاز ساندا ئالاقە قىلىشقا باشلىغان ئىدۇق، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادام بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، دادامنىڭ لاگېرغا سەۋەبسىز ئەكىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاپام ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم. دادامنىڭ خۇددى باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش گۇناھسىز ئىكەنلىكى، پەقەتلا ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى ماڭا ئايان بولۇپ، بۇ ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالماي، دادامنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە ھەم يالغۇز كىشىلىك ھەم كوللېكتىپ نامايىشلارغا قاتنىشىپ دادامنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدىم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دادام ۋە شۇ قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشتىم. ئەپسۇس بۇ تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ دادامنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئۈنۈمى بولمىدى، ئەمما مەن بۇ ھەققانى كۈرشۈمنى قەتئىي توختاتمايمەن.

سوئال: بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىڭىزغا سەۋەبچى بولغان ئامىل نېمە؟

يېقىندا مەن تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ چوڭ بولغان غۇلجا شەھىرىدىن ناھايىتى ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنى ئالدۇق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، خەلقىمىزنى ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي سولاپ، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئۆيدە يالغۇز قالغان ئاپام ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن ناھايىتى ئەنسىرىدىم، ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە ھەم بەھرىمان بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، يېگەن ھەربىر ئېغىز تامىقىم ماڭا زەھەر بولدى، گېلىمدىن بىر يۇتۇپ سۇمۇ تەستە ئۆتىدىغان بولدى. ۋىجدانىم بۇ ناھەقچىلىككە چىدىيالماي، لاگېر شاھىتلىرى بىلەن ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتىم. بىر چەتتىن ۋەتىنىمىزدىكى ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقان خەلقىمنىڭ دەردىنى ئاز بولسىمۇ ھېس قىلغان بولسام، يەنە بىر چەتتىن بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى مېنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئەمما ئۈچ كۈن ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ نەتىجىسى ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن، ئاق ساراي خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى ھەم ھېسداشلىقىنى ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قوزغىيالىدۇق، ھەم شۇنداقلا خەۋەرلەر ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى ئاز بولسىمۇ خەلق ئالەمگە ئاڭلىتالىدۇق.

سوئال: سىزنىڭ دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان قانداق سۈزىڭىز بار؟

مېنىڭ دىياسپۇرادىكى  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم، بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئوخشىمىغان كۈنلەردە ئوخشىمىغان كىشىلىرىمىز نۆۋەتلىشىپ ئاق ساراي ھەم ب د ت نىڭ ئالدىدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئىمكانىيىتى يار بەرمىگەن قېرىنداشلىرىمىز بولسا كەشتە خىزمەتتىن چۈشۈپ قاتنىشىپ قوللاش ئارقىلىق، بۇ ھەرىكەتنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ تېخىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىساق، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىزدىن ئۆرنەك ئېلىپ دۇنيا خاراكتېرلىك ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشىمىز، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ۋە خىتايغا جازا يۈرگۈزۈش چاقىرىق قىلساق بۇلاتتى.

 يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى