دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئارگنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنغان ئەرز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ھەر ئىشقا تەنقىدى ھەم ئىجابى نۇقتىدىن قاراش كېرەك- خاتىرەمدىن

‍مەنچە، ئارگنتىنا سوتى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش يولىدا باسقان ئوڭۇشلۇق بىر قەدىمى.

ئارگېنتىنا بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بىر دۆلەت، نوپۇسى 45 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلىدۇر. يەر مەيدانى بىرازىلىيەدىن قالسىلا جەنۇبى ئامىرېكىدىكى 2-چوڭ دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى 8-چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئارگىنتىنا سوتى ھوقۇق دائىرىسى خېلى چوڭ، مۇستەقىل سوتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئارگېنتىنا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ئۇرۇش جىنايىتى، قىيىن-قىستاق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سادىر بولسا، ئۇنىڭغا مۇستەقىل سوت ئېچىش ئىمتىيازىغا ئىگە.

شۇ سەۋەبلىك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىن دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار ئەنگىلىيەلىك خەلىقئارا قانۇن ئادۇۋكاتى مايكول پولاك، ئارگېنتىنېلىق ئادۇۋكاتلاردىن گەبرىل كاۋاللۇ، خۇئان نېتولارنىڭ ياردىمىدە ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان  ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاستە قۇماندانلىق قىلىۋاتقان دىكتاتۇر، جاللات شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تەييارلىغان ئەرزنامىسنى سۇنغان.

شۇ كۇنى، ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك ستەنلىمۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئىنگلىزچە ۋە ئىسپانچە ئۇچۇر – بايانات يوللاپ مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش ئەھۋالىدىن تېخىمۇ كۆپ خەۋەردار بولدۇق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلىق شەرىپىنى قوغداش كۈرىشىگە داۋاملىق ياردەم بىرىدۇ>>.

ئەرزنامىنىڭ سۇنۇلشى بىلەن ئۇيغۇر مەسلىسى ئارگېنتىنادا بىراقلا تونۇلۇپ، ئارگىنتىنا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق نوقتىسغا ئايلانغان. جۇملىدىن، ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان جەنۇبى ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسلىسىنىڭ تونۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلغان. شۇنداقلا  بۇ ھادىسە ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي نۇقتىغا ئېلىپ چىققان.

ئارگىنتىنا سوتى ئۇزۇندىن بۇيان مۇستەقىل بىر شەكىلدە خەلقئارالىق سوتلارنى ئېچىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى شۇكى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى بېرما ئارمىيسىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى باشتا ئارگىنتىنا سوتىدىن باشلاپ دەۋا قىلىپ، ئاخىرىدا خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئۇتۇپ چىققان. نەتىجىدە، بىرما ئارمىيەسىنىڭ قىلمىشىغا رەسمىي يوسۇندا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ قارار چىقىرىلغان.

دەسلەپتە، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ئارگېنتىنا سوتىغا يوللانغاندىن كېيىن، ئارگېنتنا سوتى روھنىگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بىرما ئارمىيسى تەرپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوچرىغان ياكى ئوچرىمىغانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئاخىرىدا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ قارار چىقارغانىدى. بۇ كېيىنچە، روھىنىگا مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلقىنىڭ خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا قاراپ چىقىلىشىغا نىسبەتەن قوللاش ۋە ماسلىشىش رولىنى ئوينىغان.  شەكسىزكى، ئىرقى قىرغىنچىلىق خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا تۇنۇلسا ۋە ھۈكۈم قىلىنسا ياخشى بۇلىدۇ.

چۈنكى ئۇنىڭ بىر دۆلەتكە چوقۇم بۇيرۇق ئارقىلىق ئىجرا قىلدۇرۇش مىخانىزىمى بولمىغان بىلەن، خەلىقئارا تەسىرى كۈچلۈك بۇلىدۇ.  مۇشۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، روھىنىگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلققا ئۇچرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ئوخشاش مەسىلە بولۇپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار  دۆلەتلىك سوت ۋە خەلىقئارالىق سوتتا ئوخشاش سوتلىنالايدۇ. ئەمما، ھازىرقى ئاساسلىق پەرق شۇكى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەۋاسى ئارگىنتىنادىمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ بىكتىلگەن، خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدىمۇ ئىرقى قىرغنچىلىق دەپ بىكىتىلگەن. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلقى ھازىرغىچە يۇقىرىقى ئىككى سوتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بىكتىلمىدى. شۇڭا بىزنىڭ ماڭدىغان يولىمىز يەنىلا تېخى ئۇزۇن.

خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارى  ھەقىقەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، بۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇئەييەن قەدەم – باسقۇچ ۋە جەريان كېتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئارگىنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنغان ئەرزى، كىيىنكى قەدەمدە خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلقى ھەققىدە قارا چىقىرىپ، ئۇنى خەلقئارالىق قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىشىغا تۈرتكە بۇلالايدۇ.

ئۆتكەن يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئەنگىلىيەدە ئاچقان << ئۇيغۇر سوتى >> ئاممىۋى خاراكتېرلىك سوت بولسىمۇ،ئەمما خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارار چىقاردى. گەرچە بۇ سوت ھۈكۈمىنىڭ جازالاش كۈچى بولمىسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلغان ئىدى.  

بۇ قېتىملىق دەۋا-دەستۇر دۇنيادىكى قەبىھ جىنايەتلەرگە مۇستەقىل قارار چىقىرىش ھەم ئۆزئالدىغا جازالاش ھۇقۇقى بولغان ئارگېنتىنا سوتى ئارقىلىق يەنە بىر تارىخى باسقۇچقا  قەدەم قويدى. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئېلىپ چىقىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى خەلىقئارالىق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش بولۇشى كېرەك. شۇڭا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىملىق ئەرزىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئېلىپ چىقىشقا قاراپ بېسىلغان بىر چوڭ قەدەم دىيىشكە بولىدۇ.

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئېلان قىلغاندىن كىيىن، كانادا پارلامېنتى ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن گوللاندىيە، بېلگىيە، ئەنگىلىيە،  فېرانسىيە، بېلگىيە، لىتىۋا، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۋاتىدۇ دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى. ئەپسۇسكى، ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بۇلشى مۇمكىن دەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلق جىنايىتىگە كۆز يۇمغاندەك بىر گەپنى قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى قۇل ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھىچبىر گەپ قىلماي، خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ جنايىتىگە كۆز يۇمۇپ، ئۇنىڭ دەرىجىسنى تېخمۇ تۆۋەنلىتىۋەتتى. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومسارى مىشىل باچىلېت 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۋەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ كىشلىك ھۇقۇق ۋەزىيتى ۋە ب د ت كىشلىك ھۇقۇق ئىشخانسىنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەندە ئۈزىنىڭ بېرما ۋە ۋېنسۇلادا كۆرگەن كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكى ۋە ئۇنى توختۇتۇش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلىگەن. ئارقىدىن دۇنيادا ھازىرمۇ داۋام قىلۋاتقان كىشلىك ھۇقۇق زوراۋانلىقلىرىنى تىلغا ئالغاندا بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا قەتلىئامغا ئۇچۇرغان ئوكرائىنا خەلقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىغا ئۇچىراپ كىلۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما مۇخبىرلارغا دىگەن گىپىدە، ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق ئەھۋالىغا ئائىت دوكىلاتنى ئېلان قىلىشغا تىرشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئىككى يىلغىچە ئېلان قىلمىغانلىقى،  ھەتتا ئېلان قىلدىغان ۋاقتى ھەقىدىمۇ ئېنىق جاۋاب بىرەلمىگەنلىكى، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلنىپ قالغان تەقدىردىمۇ خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايتىنى يەنىلا تۈۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. 

خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار بارغانسىرى تولۇقلانماقتا. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىش دەۋاسى ئەنگليەدىكى ئۇيغۇر سوتىدىن باشلىنىپ، ھازىر ئارگېنتىنادىكى دۆلەتلىك سوتلارغا قەدەر يۈزلىنۋاتىدۇ.

شۇڭا ئارگىنتىنا جىنايى ئىشلار سوتى« خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرۋاتىدۇ» دەپ قارار چىقىرىپ قالسا، ياۋرۇپا ئىتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنىڭ دەرىجىسنى تۈۋەنلىتىش ئۈچۈن چىقارغان قارارىغا، شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ ئۈزىنىڭ ئ‍ىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يۇشۇرۇش، ئاقلاش جەھەتتە ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە، تەشۋىقات ئىشلىرىغا قارىتا چاپقان بىر پالتا بۇلۇپ قالىغۇسى.

ئاخىرىدا، مەن 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر سىياسى پائالىيەتچى ۋە مۇستەقىل  كۆزەتكۈچى بۇلۇش سالاھىيىتىم بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئارگىنىتا سوتى ئارقىلىق باسقان قەدىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا، ئارگىنتىنا سوتىدىن كىيىن، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ جىنايىتى ئىرقىى قىرغىنچلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، خەلىقئارادا قانۇنى ئاساسقا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ۋە تېگشلىك جازاسىنى تارتىپ بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشنىمەن.

ئەڭ ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ئىش – خىزمەتلىرىگە نەتىجە – ئۇتۇق تىلەيمەن. سەۋەب بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى