ئارنېم شەھىرى بىلەن ۋۇخەننىڭ « دوست شەھەر» ئالاقىسى ئۈزۈلدى
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
2021-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئارنىم پىرات پارتيىسى باشلىقى مېچىيور فىلىپ ئۆزىنىڭ تىۋېتىر سەھىپىسدە 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئارنىم شەھەرلىك ھۈكۈمەت كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىدا <<ئارنىم شەھرى بىلەن ۋۇخەن شەھەر دوستلۇق شەھەرنى كېلشىمىنى ئۈزۈش >> ھەققىدىكى تەكلىپنىڭ مۇزاكىرە قىلىندىغانلقى، بۇنىڭ ئۈچۈن 21-چىسىلا سەيشەنبە كۈنى ئارنىم شەھەرلىك ھۈكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تارقاتتى. مەن دەرھال تىۋېتىردا بۇنىڭغا قارىتا ئۈزەمنىڭ 19 ئائىلە ئەزاسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلقنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكى ھەقىقىدىكى يازمام بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنامايىشقا بېرىپ ئۈزەمنىڭ شەخسىي ھېكايسىنى نامايىش مەيدانىدا ئاڭلىتىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.
7-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇربان ھېيتىنىڭ 2-كۈنى ئىدى. مەن سائەت 16:30 غىچە ئىشلەپ ئىشتىن چۈشۈپ، 70 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئارنىم شەھرىگە باردىم ۋە بارلىق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىمنى تىزىپ، نامايىشچىلارغا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلقىنى دەلىل- ئىسپات بىلەن تەپسىلى ئاڭلاتتىم ھەمدە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردىم. خېلدىرلەند ئۆلكىلىك تىلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدىم. نامايىش جەريانىدا مەن « ئائىلەمدىن 19 كىشى تۇتۇلدى، مانا بۇ ختاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ جانلىق ئىسپاتى، شۇنداقلا بۇ ھىكايەم مىليونلىغان ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ بىر جانلىق ئۆرنىكى» دىگەن مەزمۇندىكى يازمامنى ئوقۇپ، كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە نامايىشچىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدىم.
نامايىش جەريانىدا بۇ قېتىملىق نامايشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى پىرات پارتىيسىنىڭ باشلىقى مېچىيور فىلىپ سۆز قىلىپ، مىنىڭ شەخسىي ھېكايەمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلاغا ھېسداشلىق قىلىپ بۇ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلقىنى، مېنىڭ 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئالاقە قىلالمىغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم ۋە باشقا پاجىئەلىك ئەھۋاللارىنىڭ بۇنىڭ نەق دەلىل-پاكىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، ئاندىن بۇنى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يىغىندا ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئارنىم شەھرى بىلەن ۋۇخەن شەھرىنىڭ دوسلۇق ئالاقىسنى ئۈزۈش ئۈچۈن باشقا پارتىيلەرنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كەچ سائەت 21:00 دىن ئاشقاندا مېچىيور فىلىپ ئەپەندىم تىۋېتىردا ئۇچۇر بېرىپ، كېڭەش ئەزالىرى يىغىندا كۆپ سانلىق پارتىيلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئارنىم شەھرى بىلەن ۋۇخەن شەھىرىنىڭ 20 نەچچە يىللىق<< دوست شەھەر>> ئالاقىسىنى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلقى سەۋەبىدىن بۈگۈندىن باشلاپ رەسمى ئۈزۈشكە قارار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە ماڭا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ، مېنىڭ 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ غايىب بولغانلىق ھېكايىسىنىڭ كېڭەش ئەزالىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى، مېنىڭ بۇ نامايىشقا قاتناشقانلىقىم ۋە ھېكايەمنى ئاڭلاتقانلىقىم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇ ھەقتە پارتىيەسىنىڭ تور بېتىدە تەپسىلى يازما ئېلان قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
22-چىسىلا ئەتگەندە خېلدىرلاند تېلۋېزىيە ئىستانسى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىللرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تارقاتتى. ئارنىم شەھرى گوللاندىيە، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا بويىچە خىتاي شەھرى بىلەن << دوست شەھەر >> ئالاقىسنى ئۈزگەن تۈنجى شەھەر بۇلۇپ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى.
مەن بارلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن ئادالەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلانى قوللىغان پىرات پارتىيسى ۋە باشقا كېڭەش ئەزالىرىغا سەمىمىي رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. شۇنداقلا باشقا شەھەرلەرنىڭمۇ ئارنىم شەھرىدىن ئۈلگە ئېلىپ خىتاي شەھەرلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىمەن.
https://www.gld.nl/nieuws/7304250/arnhem-verbreekt-stedenband-met-chinese-stad-wuhan