ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردام شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى دام مەيدانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلانغان يالغۇز كىشلىك تىنچ نامايىش ۋە تەشۋىقات پىلاكاتلىرىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن خىتايلارنىڭمۇ دىققىتنى تارتتى.

ئەلۋەتتە، بۇ خىتايلارنىڭ بەزىسى كوممۇنىستك پارتىيە ھاكىمىيتىنى ھىمايە قىلدىغان خىتاي ئاپشاركىلىرى ئىدى. ئۇلار تەشۋىقاتلىرىمنى كۆرگەندىن كىيىن، ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ ھاقارەت، ھەتتا تەھدىت قىلىشتى. ئەمما، زىيارەتكە كەلگەن خىتايلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي دېمۇكراتچىلىرى، خىتاي خىرستىيان دىنى جەمىيەتلىرى ئەزالىرى، كوممۇنىزىمغا قارشى ئىتتىپاق دېگەندەك تۈرلۈك ئېقىمدىكى كىشىلەر ئىدى. ھېس قىلىشىمچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرغا ھېسداشلىق قىلىدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىگە قارشى مەيداندىكى گۇرۇپپىلار كۆپرەك ئىدى. مەن بۇلار بىلەن مۇنازىرلىشىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويسام، ئۇلار سۆھبەتنىڭ تېمىسنى باشقا ياققا بۇراپ، بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن قاچاتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن قانۇنسىز بېسۋېلىنغان زىمىن، دەپ ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇ ھەقتە نەق مەيداندا سىنلىق سۆزلەپ بەرگەن بىر قانچە خىتايلارمۇ چىقتى.




ئەشۇنداق خىتايلار، بىز بىرلىكتە خىتاي كوممۇنىستك ھاكىميىتىگە قارشى پائالىيەت قىلايلى، سەن پائالىيەت تەشكىللىسەڭ، بىز كېلەيلى، بىز تەشكىللىسەك، سەنمۇ كېلىپ قاتناشساڭ، دەپ، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنلەرمۇ بولدى. ئەمما، شۇنداق ھالقىلىق مىنۇتلاردا مەن ئۇلارغا مۇرەسسەسىز شەرت قويدۇم، ئۇلار ئاغزىدا بولسىمۇ سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپ، شەرتلىرىمگە ماقۇل بۇلۇپ نەق مەيداندا ۋېدىيولۇق سۆزلەپ بەردى. بۇلاردىن بىرسى خىتاي دىمكۇراتىك پارتىينىڭ قۇرغۇچىللىردىن بىرسى شۇنداقلا بۇ پارتىينىڭ ياۋرۇپادىكى رەئىسى چېن جۇڭخى ئىدى 陈忠和
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى تۇنجى قېتىم 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيتىگە قاتنىشىپ سۆز قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم ۋە ئۇلارغا مۇنداق شەرت قويدۇم: سىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىمنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىش، مېنىڭ پائالىيتىمگە كەلگەندە، «شىنجاڭ» دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەسلىك. ئەگەر بۇنىڭغا قوشۇلساڭلار ۋە بۇ ھەقتە ۋېدىيولۇق سۆزلەپ تارقىتىشىمغا قۇشۇلساڭلار، ئاندىن پائالىيتىمگە قاتناشساڭلار بۇلىدۇ، شۇنداقلا مەن ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتتە سۆز قىلىش ھەققىڭلار بۇلىدۇ دىدىم.
ئۇلار كېلىپ قاتنىشىپ، ۋەدىسىگە بىنائەن، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئەل – جامائەتكە، تاراتقۇلارغا سۆز قىلدى.
ئۇلار يەنە، << ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى >>دە كۆيۈپ كەتكەن 44 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ياد ئېتىش، شۇنداقلا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 11-ئاينىڭ 27-كۈنى دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 林生亮 ۋە 刘飞龙 قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى قوللاپ خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى سۆز قىلدى. ھەتتا ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، نوپۇزلۇق خىتايچە توربەتتە، مەن بۈگۈن مۇستەملىكە ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشقا تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم، نامايىشتا سۆز قىلدىم دەپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەيدانىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. تۆۋەندىكى ئۇلنىشتا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ يازغان ماقالىسى بار.
( بۇ ماقالە بۇ ئۇلنىشتا https://ipkmedia.com/181330/ )

مەن ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ سۆزلىگەن ۋېدىيولارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تور دۇنياسىدا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا مەلۇم بولغايكى، مەن ئابدۇرېھىم غېنى ئامىستېردامدا ئۆتكۈزگەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش پائالىيتىدە بولسۇن ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشتا بولسۇن، پائالىيەتكە كەلگەن قېرىنداشلارغا ئېنىق سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ قۇيۇپ، ئاندىن خىتايلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلدىم. بىز ھەمكارلىشالايدىغان بارلىق خىتاي ھاكىميىتىگە قارشى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىمىز كېرەك، ئەمما بۇ ھەمكارلىششىمىزنىڭ چۇقۇم ئالدىنقى شەرتى بۇلشى كېرەك.
2022-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى